خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەنقىد قىلىشى كۈلكىلىك بىر ئىش

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە دائىم سۈركىلىش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسى توسالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سۈركىلىشكە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەنگەنلىكى سەۋەبچى بولماقتا. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى، خىتاي جەمئىيىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى تونۇشىنى تەسۋىرلەپ، "جوڭگودا ئەركىنلىك جەمئىيەتكە ئۆزلەشمىگەن، جەمئىيەتتىن ئادەملەرنىڭ ئالاقە مۇناسۋەتلىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، تەلەپ قىلغۇچىلار دىكتاتورىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدىغان ھادىسىدۇر،" دەيدۇ.