خىتاي كومپارتىيىسى جۇڭگودا سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە باشقۇرۇش كرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي زىيالىلىرىنىڭ خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى جۇڭگودا سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە باشقۇرۇش كرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە. ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى بۈگۈنكى ئوبزورىدا، سىياسى كرىزىس جوڭنەنخەينىڭ ئىچكى قىسىمى گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشتىن پەيدا بولدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي زىيالىلار ھازىرقى ۋەزىيەت مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ۋەزىيەتكە ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاپ قالدى، دەپ قارىماقتا. ئۇ، "كومپارتىيە ئىچىدە 17-قۇرۇلتايدىن بۇرۇن ناھايىتى كەڭ بىر مەيدان كۈرەش يۈز بېرىشى مۇمكىن،" دەيدۇ.