خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭغا رەددىيە
2006.10.30
سىزلەرگە مەلۇم بولسا كېرەك، 1971 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ئېلىنغان، 2758 – نومۇرلۇق قارارغا ئاساسەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىنىڭ 35 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، "خەلق گېزىتى" دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرگەن 35 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا سىياسى سەھنىلەردە، "قالتىس" نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن "زور" تۆھپىلەرنى قوشقانمىش، خىتاي ھازىرغا قەدەر 22 تۈرلۈك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانمىش. مېنىڭچە لى جاۋشىڭنىڭ بۇ بايانلىرى، ئاسماندىكى قاغىلارنىمۇ كۈلدۈرۈپ تاشلىغان بولسا كېرەك.
خىتاي، دۇنيادىكى، كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ باشلامچىسى ۋە چوڭ لاگىرى
خىتاي ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك ئەللەرنىڭ نەزىرىدە ھەر ۋاقىت، ئەيىبلەنگۈچى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى، چۈنكى خىتاي، دۇنيادىكى، كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ باشلامچىسى ۋە چوڭ لاگىرى ئىدى.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنىڭ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىنىپ، دۇنياغا ئېلان قىلغان دوكلات، قارار ۋە باياناتلىرىنى بۇ يەردە بىر – بىرلەپ ساناپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ھەقتە خەلقئارادا، پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا، ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارنى يىغىپ كەلسەكمۇ نەچچە رومان چىقىدۇ.
بۇ يەردە مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى چەككەن نۇقتا شۇ بولدىكى، لى جاۋشىڭ "خەلق گېزىتى" دىكى ماقالىسىدە، 1995 – يىلى خىتاينىڭ، "4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيى" غا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ۋە بۇ يىغىندا، "بېيجىڭ خىتاپنامىسى" بىلەن "بېيجىڭ ھەركەت نىزامى" نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئەينى چاغدا، خىتايدا چاقىرىلغان بۇ قۇرۇلتايدا ئېلان قىلىنغان، "بېيجىڭ خىتاپنامىسى" بىلەن، "بېيجىڭ ھەرىكەت نىزامى" نىڭ ئاساسى مەزمۇنى ۋە يېتەكچى ئىدىيىسى، دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئانا – بالىلارنى ئىنسانچە ياشاش مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ۋە ئانا – بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى.
خىتاينىڭ ئەمەلىيىتى – لەۋزىدە تۇرماسلىق
ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە بولسا كېرەك، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا سىياسى پاناھلىق تىلەپ تۇرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، 1995 – يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان، 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان رەسمىي ۋەكىللەرنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭ بېشىغا نىمە كۈلپەتلەر كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان. رابىيە خانىم ئەنە شۇ دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ماس ھالدا، ئۈرۈمچىدە، "مىڭ ئانا شىركىتى" نى قۇرۇپ، ئازاپ ۋە قايغۇ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىچارە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشكە، ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇشقا ئۈندىگەن ۋە رىغبەتلەندۈرگەن. "مىڭ ئانا شىركىتى" پائالىيىتىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا قانات يايدۇرغان ئىدى، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغان، موھتاجلىق ئىچىدىكى ئاياللارغا، ئاتا – ئانىسىز قالغان ئۆسمۈرلەرگە ياردەم بېرىشنى، ئۆزىنىڭ كۈنلۈك ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، ئارىدىن 4 يىل ئۆتمەيلا، يەنى 1999 – يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "بېيجىڭ خىتاپنامىسى" دا كۆرسىتىلگەن، "ئانا – بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش" دېگەن پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ پرىنسىپنىڭ روھى بويىچە ئىش قىلىپ، ئانا – بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان رابىيە خانىمنى يوقىلاڭ سىياسى باھانىلەر بىلەن قولغا ئېلىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. رابىيە خانىم مەھبۇسلۇق ھاياتىدىمۇ ئىزچىل ھالدا خىتاي ساقچى دائىرلىرىنىڭ غەيرى ئىنسانىي مۇئامىلىسىدىن ھالى بولالمىدى، ئايىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى، ئاغرىپ قالسا داۋالىمىدى، ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ 6 يىللىق ھاياتى قاراڭغۇ زىندانلاردا ئۆتتى.
خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۆتكەن يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى رابىيە خانىمنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، رابىيە خانىم ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ پېيىغا چۈشتى، پەرزەنتلىرىنىمۇ سىياسى ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە يوقىلاڭ تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلىدى.
يۇقىرىقى ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگۈنۈمدە، "4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيى" غا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ۋە بۇ يىغىندا، "بېيجىڭ خىتاپنامىسى" بىلەن "بېيجىڭ ھەركەت نىزامى" نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىگە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى قىلىپ كۆرسەتكەن لى جاۋشىڭ جاناپتىن شۇ سوئالنى سورىغۇم كېلىدۇ:
ھەي لى ئەپەندى، قايسى يۈز ۋە قايسى ۋىجدان بىلەن بۇ سۆزلەرنى تىلغا ئېلىۋاتىسىز ؟
"دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيى" نىڭ بىر ۋەكىلىگە، بىر ئانىغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە قىلمىغان زىيانكەشلىكى قالمىغان بىر ھاكىمىيەتتىن، باشقا دۇنيا ئاياللىرىغا ۋە بالىلىرىغا قانداقمۇ ھەير كەلسۇن ؟
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدىكى توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالماقتا
- ئەركىنلىكنى ئاللاھ ئۆزى ھەر بىر ئىنسانغا تەقدىم قىلغان
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىندى
- خىتاي ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز قورال- ياراق ئېكسپورت قىلغۇچى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكىلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى