مائارىپ بۇزغۇنچىلىقىدىن كېيىنكى ئاقىۋەت
2004.08.23
يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى لىيۇ يەنبىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ "مائارىپ بۇزغۇنچىلىقىدىن كېيىنكى ئاقىۋەت" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
ئوبزورچىمىز لىيۇ يەنبىڭ "مائارىپ بۇزغۇنچىلىقىدىن كېيىنكى ئاقىۋەت"دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىدە ،مائارىپنىڭ مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەمدە مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك،ئاخىرىغا بېرىپ جەمىيەتنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىداە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، "ھېچقانداق بىرپارتىيە ياكى چوڭ دۆلەت ھۆكۈمىتى كوممۇنىست خىتايغا ئوخشاش مائارىپقا سەل قارىغان ، مائارىپنى دەپسەندە قىلغان ئەمەس " دەپ بىلدۈرگەن.
لىيۇ يەنبىڭ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھىچقانداق سەۋەپسىزلا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش سىياسىتىنى يوق قىلىۋەتكەنلىكىنى مىسالغا ئېلىپ،ئۆز ئوي - پىكىرلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:
"مەسىلەن، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان شارائىت بولمىغانلىقتىن ، ئوقۇش خىراجىتىنى پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلار ئۆزى كۆتىرىدىغان بولۇپ كەتتى ، بۇنى ئاز دەپ ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا توختىماي ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرۈپ مىڭلىغان مىليونلىغان كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىتايغا نىسپەتەن ، چەكسىز يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر چوڭ چېكىنىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،خىتاي ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان ، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە كىرىمى ئىزچىل ھالدا كۆپىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەۋلاتلارنى تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئىش".
لىيۇ يەنبىڭ ئەفەندى ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، خىتاينى سوتسىيالىستىك دۆلەت كۇبا بىلەن سېلىشتۇرۇپ،مۇنداق ئانالىز قىلدى:
"بۇ ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرساق،شۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدىكى: كۇبادا ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇنى 40 نەچچە يىلغىچە ئىقتىسادى جەھەتتىن قامال قىلغان. شۇنداقلا ئۇيەنە سابىق سوۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان . ئۇزۇن مۇددەتكىچە، كۇبا خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى خىتاي خەلقىنىڭ 60 - يىللاردا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ئەھۋالىدىنمۇ بىچارە ھالەتتە قالغان. لېكىن ئەشۇنداق قىيىنچىلىقتا قالغان بولسىمۇ، كۇبا كومپارتىيىسى ھىچقاچان مائارىپ ساھاسىدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش سىياسىتىنى يوق قىلىۋەتمىگەن ،ھەمدە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش سىياسىتىنىمۇ ئىزچىل ھالدا تەۋرەنمەي يۈرگۈزۈۋەرگەن شۇڭا كۇبا مائارىپىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن قېرى بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا ئىقرار بولماقتا.ئۇنداقتا كۇبا قىلالىغان ئىشنى نىمە ئۈچۈن خىتاي قىلالمايدىكەن؟ بۇ پۈتۈنلەي ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش."
لىيۇ يەنبىڭ ئەفەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سەل قاراپ، ھەتتا ئۇنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشى ئاخىرىغا بېرىپ قانداق ئاقىۋەتنى ئېلىپ كېلەر" دىگەن مەسىلە ھەققىدە توختۇلۇپ،سۆزىنى مۇنداق ئاياقلاشتۇردى:
"مىڭلىغان قابىلىيەتلىك ياشلارنى مەكتەپتىن ئىشتىرىپ چىقىرىش ئاخىرىغا بېرىپ ئاداۋەت پەيدا قىلىپ، جەمىيەتنىڭ پارچىلىنىشنى تېزلىتىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۈنسېرى كۆپۈيىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلى تاپشۇرالماي ئۆزىنى- ئۆزى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئەھۋال مائارىپ بۇزغۇنچىلىقىدىن كېيىنكى ئاقىۋەتنىڭ قانداق ئېغىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزدا كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.شۇڭابىز كۆرمىگەن،يوشۇرۇنۇپ تۇرىۋاتقان زىيانلارنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مائارىپ مەسىلىسىدىكى بۇ خىل چېكىنىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە - ئۆزى گۆر كولىغانلىق بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرى پەقەت گۆر كولىغۇچىلارنى تەربىيەلىگەنلىك . بىزگە ئوخشاش ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان زىيالىلارنىڭ ئويلاپ يېتەلمەيدىغىنى : نىمە ئۈچۈن ۋەتەندىكى زىيالىلار ئەينى چاغدا بۇ خىل خاتالىقلار يۈز بەرگەندە مەيدىسىنى كېرىپ چىقىپ، بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمىدى؟ بۇ خىل چېكىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولىدىغانلىقىنى باشقىلار ئويلاپ يېتەلمىسىمۇ، زىيالىلارناھايىتى ئوبدان بىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ پىكىر بېرىش پۇرسىتى بار تۇرۇپ، جىم بولىۋېلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن بەكمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ".(مېھرىبان)