كوممۇنىستلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلىرى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلەر

0:00 / 0:00

خىتاي كوممۇنىستىك ئارمىيىسى 1949 - يىلى ئۇيغۇر ئىلىنى رەسمىي ئىشغال قىلغاندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ ھاياتى ئىزچىل تۈردە سىياسى داۋالغۇشلار ئىچىدە ئۆتتى. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مۇشۇ 57 يىل مابەينىدە يەنى، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيىتى1950 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن تارتىپ، 2005 - يىلى بۆلگۈنچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگىچە بىر يېرىم مىليوندىن ئىككى يېرىم مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.