0:00 / 0:00
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى ھەمدە بۇ ئارقىلىق كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەر خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭلا ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ چارۋا -ماللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپەيگەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رادىئومىزىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكېلوگىيىلىك بۇلغىنىشنىڭ چارۋا -ماللارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپەيگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.