0:00 / 0:00
شىنخۇا ئاگېننلىقىنىڭ 3- ئاينىڭ 13- كۈنى بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 12- مارت كۈنى 10- نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتيىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا ئارمىيە ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا، پۈتۈن ئارمىيىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى، قايغۇرۇش ئېڭى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەسىرنىڭ يېڭى باسقۇچىدا تارىخى ۋەزىپىلەرنى ئارمىيىنىڭ ئاڭلىق ئىجرا قىلىشىنى تەكىتلىگەن.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزىنىڭ خۇ جىنتاۋ نىڭ يۇقىرىدىكى باياناتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.