ئەرزدار ئۇيغۇرلارغا قانداق باھا بېرىش كېرەك؟

0:00 / 0:00

رادىئومىز 30 - ماي، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈتىۋېلىش زالىدا نەزەر بەنت ئاستىغا ئېلىنغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقاندىن كىيىن، شۇ كۈنى ئۇلارنى نەچچە يۈزلىگەن ساقچىلار كېلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق ئەرزىيەتچى ئۇيغۇرنىڭ 60 مىليون يۈەن پۇلى، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن توڭلۇتۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ، بېيجىڭ ماجالۇدىكى خىتاي ئالى سوتىنىڭ يىغىۋېلىش ئورنىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزىنىڭ مۇلاھىزىسىگە قۇلاق سالغايسىز.