ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن يېقىندا موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە دېموكراتىك بىرلىك پارتىيىسى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.
سىدىقھاجى روزى، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ نىمە ئۈچۈن يېقىندىن بېرى موسكۋاغا كۆپ قاترايدىغان بولۇپ قالغانلىقىغا سوئال قويۇپ، ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنى ئۆتمۈشتىكى مىلىتارىست شىڭ شىسەينىڭ 1938 - يىلى موسكۋاغا قىلغان زىيارىتىگە سېلىشتۇردى.
ۋاڭ لېچۈئەن شىڭ شىسەينىڭ تارىختا ئوينىغان رولىنى قايتا ئوينىماقچىمۇ ؟ دەيدۇ سىدىقھاجى روزى. ۋاڭ لېچۈئەننى بۇ قېتىم رۇسىيە پرېزىدېنتى قوبۇل قىلمىغان، لېكىن ئەينى چاغدا شىڭ سىسەينى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن قوبۇل قىلغان ئىدى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزىنىڭ يۇقۇرقى مەسىلە ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىسىگە قۇلاق سېلىڭ.