ۋاڭ لېچۈئەن ۋە خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى تۈرمىدىكى تىنچپەرۋەر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشى كېرەك


2007.06.12

يېقىندا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم قاتناشقان ۋە پرېزىدېنت بۇش نۇتۇق سۆزلەپ رابىيە خانىمنى مەدىھىيىلىگەن پراگا بىخەتەرلىك ۋە دىمۇكراتىيە يىغىنى، پراگا خىتاپنامىسىنى ماقۇللىغان ئىدى.

ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، پراگا خىتابنامىسى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، مەزكۇر خىتاپنامىنىڭ روھى بويىچە ۋاڭ لېچۈئەن ۋە خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى تۈرمىدىكى زوراۋانلىق ئىشلەتمىگەن، دىمۇكراتىيە تەلىپىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادە قىلغان ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى يەنە، خۇ جىنتاۋ گۇرۇھىغا، بېيجىڭدىكى ما جيالۇ تۈرمىسىگە قاماپ قويۇلغان ئۇيغۇر ئەرزىيەتچىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى توغرىلىق سۇئال قويدى ۋە شۇ مەسىلە توغرىسىدا توختالدى.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.