0:00 / 0:00
كۈزىتىش تور بېتىدە يازغۇچى ما جىيەننىڭ " قىزىل رەڭنى تاشلىۋېتىپ، قارا رەڭ بىلەن بويالغان سوتسىيالىزىم" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئاپتور ماقالىسىدا، قارا خۇمدان شەرمەندىچىلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي جەمئىيىتى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىدۇ.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى چۆرىدەپ ئانالىز يۈرگۈزۈپ، خىتايدىكى يۈزلىنىش توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.