كۇچار دېھقانلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۇچار ناھىيىسىدە ئاتا - ئانىلار دائىرىلەرنىڭ قىز پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كېلىپ ئەرىز قىلغان ئىدى. بەزىلەر، بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى، پۇقرالارنىڭ قىز يۆتكەش سىياسىتىگە قارشى ئاددى ئەرىز قىلىشى بولماستىن، بەلكى كۆلەملىك نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مەيلى ئەرىز قىلىش بولسۇن ياكى نامايىش قىلىش بولسۇن بۇ ۋەقە يەرلىك دائىرىلەرنى چۆچۈتۈۋەتكەن. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاقسۇ ج خ ۋە د ب دائىرىلىرى كۇچارغا زاپاس ساقچى كۈچلىرىنى يۆتكىگەن.

ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى بولسا كۇچار خەلقىنىڭ ھەرىكىتىنى تەبرىكلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كۇچار دېھقانلىرىنىڭ ھەرىكىتى خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى پۇقرالار ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە ئۆزىنىڭ دىھقانلار ھەرىكىتىگە بولغان شەخسەن مۇلاھىزىسىنى ئاڭلايسىلەر.