0:00 / 0:00
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندىم، خىتايدا سوتسىيالىزىم قۇرۇشنىڭ ماركس تەلىماتلىرىغا پۈتۈنلەي توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "جۇڭگودا كومپارتىيە قۇرۇش تاشنى تاياققا تاڭغاندەك بىر ئىش ئىدى،" دەيدۇ.
سىدىقھاجى روزى ئەپەندىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كومپارتىيە، مەكتەپلەر، ئىدارە - ئورگانلاردىلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە؛ كەڭ يېزىلاردا ۋە كارخانىلاردا ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە بولسا؛ ئارمىيە، قانۇن ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىدا قاراقوللار پارتىيىسىگە ئايلاندى.
سىدىقھاجى روزى ئەپەندىم يەنە، ۋاڭ لېچۈئەن ۋە شى داگاڭ گۇرۇھىنى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى،دېگەن نام ئاستىدا ئىچكىرىگە ئاپىرىپ سېتىش بىلەن ئەيىپلىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتى سىلەرگە سۇنىمىز.