0:00 / 0:00
خىتاي ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېقىندا بىشكەككە توپلىنىپ، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان ھەم رۇسىيىنىڭ چىليابىنسكىي رايونىدا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، ھەيۋە كۆرسەتكەن ئىدى.
بۇ توغرىلىق، ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بېشكەك يىغىنىدىكى سۆز ھەرىكىتىنى رومانوفلار خاندانلىقى قايتا تىرىلىۋاتامدۇ ؟ دەپ سۇئال قويۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مۇددىئاسى توغرىسىدا توختالدى. سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەسلى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىك دۆلەتلەر رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
