0:00 / 0:00
ئۆكتىچى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى يېقىندا ھەربىي قىسىملارغا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كومپارتىيىنىڭ ئارمىيىگە يېتەكچىلىكى ۋە ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
خىتاي ئۆكتىچى مۇلاھىزىچىلىرى بۇ ئەھۋالنى كومپارتىيە ئارمىيە ئىچىدە ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى، دەپ ئانالىز قىلىشماقتا.
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىكى بۇ ھادىسە دۇنيانىڭ مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كومپارتىيە يېتەكچىلىكىدىكى ئارمىيە تىنچ يول بىلەن ئۆزگىرىشكە باشلاۋاتامدۇ؟ دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سېلىڭ.