خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى دېموكراتىيە تەلەپلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيىسى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بىر يىل قالغان پەيتتە 17 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي زىيالىيلىرىمۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلماقتا، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى كۆزىتىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتمۇ خىتاي رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىرماقتا.

كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە، خىتاي ھاكىمىيەت سىستېمىسى داۋالغۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، شاڭخەي گۇرۇھى بىلەن خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەن. شۇڭا، 17 - قۇرۇلتايدا بىر يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىنى ئاڭلايسىلەر.