0:00 / 0:00
بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بىر يىلمۇ قالمىغان مۇشۇ پەيتلەردە، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارىتا خەلقارا مىقياسىدا نارازىلىق ھەم قارشىلىق ھەرىكەتلەر كۈچىيىپ بارماقتا.
دۇنيادا بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ھەم تىبەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى نەزىرىدە دۈشمەن كۈچلەردۇر.
دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە خىتايغا قارشى داۋا ئېچىۋاتقان تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار، يېڭى بىر گۇرۇپ بولسىمۇ يەنىلا گەۋدىلىك بىر ئورۇننى تۇتۇپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممەتنىڭ خىتاي ئولىمپىكى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى قارشىلىقلار توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلايسىز.