ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن، يەنى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58 - يىللىق خاتىرە كۈنى.
بىرقانچە يىلدىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى " 1 - ئۆكتەبىر " نى، " شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ماتەم كۈنى" دەپ جاكارلاپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949 - يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئېيى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي ھادىسىلەر جەريان قىلغان ناھايىتى مۇھىم تارىخىي زامانلارنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ ئاي ئىچىدە كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان، بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھاياتىدا تارىختا مىسلىي كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر تراگېدىيە باشلانغان ئىدى.
ئۇنداقتا، 49 - يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاندا قانداق سىياسىي ھادىسىلەر يۈز بەردى ؟ خىتاي ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن، زىيا سەمەدى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 49- يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن ئاساسلىق ھادىسىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى : خىتاي خەلىق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، شەرقىي تۈركىستاندىن سەيپىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئۇلار ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى : خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغان گومىنداڭ شىنجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى ۋە گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى تاۋ سىيۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەيداندا 10 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشىدا " جۇڭخۋا خەلىق جۇمھۇرىيىتى "نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئالاقىچىسى دېڭ لىچۈنمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى.
10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى: خىتاي كوممۇنىستلىرى، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن، جيۇ چۈەن - ئۈرۈمچى ھەربىي ترانسىپورت قوماندانلىق شىتابىنى قۇرۇپ، بۇ شىتاپقا 545 ئاپتوموبىل ئاجراتتى.
10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى : " 3 ئەپەندى" دەپ ئاتالغان مەخسۇت سابىرى بايقۇزى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى، خىتاي كوممۇنىست رەھبەرلىرىدىن ماۋ زېدۇڭ، جۇ دﯤ ۋە پېڭ دېخۇەيلەرگە تېلېگرامما يوللاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى جىددىلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تېزرەك يۈرۈش قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇرھاننىڭ بۇ جىددىي تېلىگىراممىسىغا ئاساسەن، شۇ كۈنى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ 2 - ۋە 6 - كورپۇس ئارمىيىسى ( جۈنى ) نىڭ قاتنىشىشىدا جيۇچۇەن شەھىرىدە " شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى "چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنىڭ كونكرېتنى پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى : خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەسلىم بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال تاۋ سىيۇ ئايرۇپىلان بىلەن جۇ چۈەن شەھىرىگە بېرىپ، خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ 1 - دالا ئۇرۇشى ئارمىيىسى باش قوماندانى گېنېرال پېڭ دېخۇەي بىلەن كۆرۈشۈپ، قول ئاستىدىكى 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسىنى قانداق تەرتىپكە سېلىش ۋە قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، پېڭ دېخۇەي گېنېرال تاۋ سىيۇدىن، كوممۇنىست ئارمىيە شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەنگە قەدەر ئۇيەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ تۇرۇشنى ۋە يەرلىك مىللىي كۈچلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى : شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان بىرىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى ( بىڭ تۈەن ) نىڭ قوماندانى ۋاڭ جېن، قول ئاستىدىكى 6 - كورپۇس ( جۈن ) ئارمىيىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئالدىن كىرىدىغان قىسىم قىلىپ بېكىتتى ۋە بۇ قىسىمغا، " غەربىي شىمالنىڭ ۋەزىيىتى، شىنجاڭنى ئازات قىلىش كۈرىشىنىڭ ئالاھىدىكى ۋە ۋەزىپىسى "دېگەن تېمىدا سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بېرىپ، بۇ قىسىمنى شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ رەسمىي يۈرۈش قىلىشقا بۇيرىدى.
10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى : گېنېرال ۋاڭ جىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 6 - كورپۇسى ( 6 - جۈنى ) نىڭ 16 - دېۋىزىيىسى قارمىغىدىكى ئەسكەرلەردىن تەركىپ تاپقان خىللانغان بىر قىسىم، 17 - دېۋىزىيىنىڭ قوماندانى چېننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە قوماندانلىق شىتابى قۇردى.
10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى : خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بىرىنچى دالا ئۇرۇشى ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال پېڭ دېخۇەينىڭ رىياسەتچىلىكىدە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىللىك ئورگىنى ھېسابلانغان " خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى شىنجياڭ شۆبە ئىدارىسى "قۇرۇلدى ۋە گېنېرال ۋاڭ جېن بۇ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەندى.
ئوخشاش كۈندە گېنېرال پېڭ دېخۇەي بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۇلارگە تېلېگراف يوللاپ، كوممۇنىست ئارمىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىزى يۈمىنگۇەندىن ئۆتۈپ، قومۇلغا قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوممۇنىست ئارمىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ - كۆلەمدە رەسمىي تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى باشلاندى ۋە بۇ ۋەزىپىنى كوممۇنىست ئارمىيىنىڭ 2 - ۋە 6 - كورپۇسى ( 2 - ۋە 6 - جۈنلىرى ) ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ قىسىملار، گېنېرال ۋاڭ جېن قوماندانلىقىدىكى 1 - گۇرۇھ ئارمىيىسى ( 1 - بىڭتۈەن ) گە تەۋە.
پىلان بۇيىچە، 2 - كورپۇس ئارمىيە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى، 6 - كورپۇس بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي رايونلىرىنى ئىشغال قىلىدىغان بولدى.
يەنە 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجياڭ ئۆلكىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى چۈي ۋۇنىڭ باشچىلىقىدا جيۇچۇەنگە بېرىپ پېڭ دېخۇەي بىلەن كۆرۈشۈپ، كوممۇنىست ئارمىيىنىڭ شىنجاڭغا رەسمىي يۈرۈش قىلىپ كىرگەنلىكىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن، شىنجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نامىدىن " خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قارشى ئېلىش كومىتېتى" نى قۇرۇپ چىقتى.
ئوخشاش مەزگىلدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرەپتىنمۇ ئەسقەت ئىساقوف، ئۇيغۇر سايرانى، چېن خۇالاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەتمۇ " خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى "بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى.
10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى : ۋاڭ ئىنماۋ باشلاپ ماڭغان كوممۇنىستلارنىڭ 2 - كورپۇس ( 2 - جۈن ) ئارمىيىسى قۇمۇلنى ئىشغال قىلدى.
10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى : تۇرپاننى ئىشغال قىلغان خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى، تۇرپاندىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى جەنوبقا، بىر قىسمى شىمالغا قاراپ ئىلگىرلىدى.
10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى : سەيپىدىن ئەزىزى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىش ھەققىدە ماۋ زېدۇڭغا مەخسۇس ئىلتىماس سۇندى، ماۋ زېدۇڭ بۇ ئىلتىماسقا 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى شەخسەن تەستىق سالدى، 50 - يىلى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەيپىدىن ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن كومپارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىردى، سەيپىدىننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا گېنېرال ۋاڭ جىن بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلدى.
سەيپىدىن ئەزىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قوبۇل قىلىنغان تۇنجى كوممۇنىستتىن ئىبارەت.
10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى : كوممۇنىست ئارمىيىسى توخسۇندىن ئۆتۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلدى.
10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى : گو مىنداڭ قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭدىكى باش قوماندانى تاۋ سىيۇ ، " ھەقىقەتكە قايتقان كوماندىر - جەڭچىلەرگە مۇراجەتنامە "نى ئېلان قىلىپ، تەسلىم بولغان گومىنداڭ قىسىملىرىغا قارىتا، " جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسى "نىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى : خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ ماشىنىلاشقان قىسىملىرى ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدى شەھەر سىرتىغا چىقىپ بۇ ئىشغالچى قوشۇننى كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلارنى شەخسەن ئۆزى شەھەر مەركىزىگە باشلاپ كىردى. بۇ كۈن، ئۈرۈمچىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى تەرىپىدىن رەسمىي ئىشغال قىلىنغان كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يەنە شۇ كۈنى جەنۇبتىكى خېجىڭ، قاراشەھەر ۋە كورلىلارنى ئىشغال قىلغان كوممۇنىست ئارمىيىسى داۋاملىق قەشقەرغە قاراپ يۈرۈش قىلدى.
10 - ئاينىڭ 29 - 30 - كۈنلىرى : خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن قېچىپ ھىندىستان - كەشمىر چېگرىسىغا ( شەھىدۇللاھ ) يېتىپ كەلگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا ، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۇلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن گو مىنداڭ چېگرا قاراۋۇل قىسىملىرى تەرىپىدىن توسىۋىلىندى، ئىككى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ، يەكەنگە يالاپ ئېلىپ مېڭىلدى، ئەمما يەكەندىكى گومىنداڭ ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ قوماندانى تاڭ جىڭرەننىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى ئەپەندى تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ، بالا - چاقىلىرى ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە كەشمىرگە قېچىپ چىقىپ كەتتى. (پارھات مۇھەممىدى)