ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنىڭ قۇربانى

0:00 / 0:00

سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئەڭ زور كوزۇر قاتارىدا كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە " تېررورچى ھەرىكەت " قىلىپ كۆرسىتىشىدىكى ئاساسلىق سىياسىي دەسمايە سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا، ئۇيغۇرلار گويا تالىبانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن ئافغانىستانغا بېرىپ توپلانغان قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقى، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى

ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقى، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ، يەنە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ساھەگە قاراتقان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى تالىبانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن خېلى بۇرۇنلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ، بۇ يەردىكى قوراللىق توقۇنۇشلارغا قاتنىشىشىنى ئىچكى جەھەتتە قوللىغان ۋە تەشۋىق قىلغان، ئەينى چاغدا بۇ ھەرىكىتىنى قانداقتۇر ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرىشىنى قوللىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.

بۇ خىل رېئاللىق بۈگۈنكى كۈندە غەرب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ئىنكار قىلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، " گېرمانىيە دولقۇنلىرى " رادىئوسىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان، " خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى يىڭى ئىزدىنىشلىرى " دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىدە، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا سوۋىت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى مۇسۇلمان مۇجاھىد گۇرۇپپىلارنى قوللاش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەينى چاغدا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ، مۇسۇلمان مۇجاھىدلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ سوۋىت قىزىل ئارمىيىسىگە قارشى جىھادقا قاتناشقانلىقى، سوۋىت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چىكىندۈرگەندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېلىپ، خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلىندى.

يۇقۇرقى مۇلاھىزىدە، خىتاينىڭ ئافغانىستان مۇجاھىدلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش سىياسىتىنىڭ، خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ يىڭى مەسىلىلەر تۇغدۇرغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئەينى چاغدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا توپىلاڭ ۋە ئىسيانلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى ۋە بۇ ئىسيانلارنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغانلىقى تەكىتلەندى.

ماقالىدە، " بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، 1949 - يىلى خىتاي بۇ رايوننى ئىشغال قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ يەر شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلاتتى، 2005 - يىلى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل - قائىدە تېررور تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى، ئەل - قائىدەنىڭمۇ شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە " دەپ كۆرسىتىلدى.

يۇقىرىقى مۇلاھىزىدە، تالىبانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئەنسىرەپ، تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى، ھەتتا تالىبان بىلەن ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتە كىلىشىمنامىلار ئىمزالىغانلىقى، ئەمما تالىبان ھاكىمىيىتى خەلقئارادا يىتىم قالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئافغانىستان ھەققىدە يىڭى ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشى بىلەن، خىتاينىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، شۇڭا ھازىر خىتاينىڭ ئافغانىستانغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ھۇجۇم قوزغاپ، شۇ ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش يولىنى تاللىغانلىقى بايان قىلىندى.

يۇقىرىقى مۇلاھىزىدە يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ۋە باشقىلار ئەسلا رىقابەتلىشەلمەيدىغان ئىنتايىن تۆۋەن باھا ۋە تەننەرقلەر بىلەن ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى، ھازىر پۈتۈن ئافغانىستانغا قىلىنغان ئىمپورت ماللارنىڭ 20 پىرسەنتىنى خىتاينىڭ تاۋارلىرى ئىگىلىگەنلىكى بايان قىلىندى.

خىتاينىڭ ئافغانىستان مۇجاھىدلىرىنى قوللىغانلىقى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن

ئەينى چاغدىكى تارىخىي رېئاللىقلارغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا پەيدا بولۇشىدا خىتاينىڭ بىۋاستە رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

1976 - يىلى ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن داۋام قىلىپ كەلگەن دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتلىرى سەل - پەل يۇمشاشقا باشلىغان ئىدى.

79 - يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشى بىلەن، خىتاي بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن يىرىكلىشىشكە باشلىدى. خىتايمۇ شۇندىن كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان ئىشغالىغا قارشى خەلقئارالىق ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە يەر ئېلىپ، ئافغانىستاندا سوۋىت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارنى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ئافغانىستانغا كېلىپ، ئافغان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، سوۋىت تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى بولۇشىغا مەدھىيىلەپ، ئۇيغۇر موسۇلمانلىرىنىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتتى. يەنە كېلىپ خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئافغانىستان مۇھاجىدلىرىغا قورال - ياراق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاساسلىق لىنىيە قىلىۋالغان ئىدى.

نەتىجىدە ، خىتاي ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ھەج قىلىشقا ۋە ئىسلام ئەللىرىگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئافغانىستانغا مەخپىي ئۆتۈپ، ئافغان مۇجاھىدلار سېپىغا قوشۇلۇپ سوۋىت ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى، ھەتتا بەزىلىرى جەڭدە شېھىد بولدى.

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئافغانىستان مۇجاھىدلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ - قۇۋەتلىگەنلىكى ۋە ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ بىۋاستە ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا كۆز يۇمغانلىقى، قانداقتۇر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەرگە ھېسداشلىق قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ غەربتىكى ئەڭ مۇھىم چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئافغانىستاننىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىغا خىتاي ھاكىمىيىتى بىۋاستە سەۋەبچى

1988 - يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئافغانىستانغا بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەلدى، خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ئەينى چاغدا ئۇلارنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ، قانۇنىي جەھەتتىن ھېچ بىر ئىستەك - سورىقىنى قىلمىغان، خۇددى " گېرمانىيە دولقۇنلىرى " رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان يۇقىرىقى ماقالىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، تاكى 90 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى مىللىي ھەرىكەتلەردە ئەينى چاغدا ئافغانىستانغا بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ يەر ئېلىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، ئاندىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلغان، شۇنداقلا، " ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا " دەپ زارلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

پەقەت بۇلا ئەمەس، 60 - يىلللارنىڭ ئاخىرلىرىدىمۇ مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كوممۇنىست خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى يالغاندىن " ئافغان مۇھاجىرى " قىلىپ كۆرسىتىپ، ئافغانىستانغا چىقىپ كەتكەن ئىدى، گەرچە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كېيىن تۈركىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرمۇ ھەم ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسمى ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ياشاپ كەلمەكتە.

يەنە شۇنداقلا ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ساھەگە قاراتقان رەھىمسىزلەرچە قاتتىق باستۇرۇش ۋە تازىلاش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، كۆپلىگەن ياش دىنىي زاتلار ھاياتلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا بولغان پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

دېمەك بۇ رېئاللىقلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىۋاستە سەۋەبچى بولغانلىقىنى ناھايىتى روشەن ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. (پەرھات مۇھەممىدى)