شەرقىي تۈركىستاندا ھېيت مەنزىرىسى

0:00 / 0:00

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا موسۇلمانلىرى، "12 ئاينىڭ سۇلتانى " دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامازان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.

بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بۇيىچە بالاسىز، قازاسىز ئۆتكۈزۈش، ئىمامنىڭ دىلنى يورۇتقۇچى خۇتبىسىنى ئاڭلاش ئارقىلىق روھىي جەھەتتىن تەسەللى تېپىش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ ئۇدۇللا قەبرىستانلىققا بېرىپ، ئاتا - ئانا، ئۇرۇق -‏- تۇغقان ۋە دوست ‏- يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاللاھتىن شاتلىق تىلەشتىن ئىبارەت. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋىي خوشاللىقتۇر.

" ۋەتەننىڭ ئەھۋالى ناھايىتى چاتاق ئىكەن"

ئەپسۇسكى ، بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا شەپقەتسىزلەرچە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مۇبارەك ھېيتنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىۋىي خوشاللىقى ۋە تەنتەنىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلارنى مىڭ يىللىق ئېتىقادىدىن پەيدىن ‏- پەي ئۇزاقلاشتۇرۇۋاتىدۇ.

ئۆتكەن يىللىق ھېيت مەزگىلىدە ياۋروپادىن ۋەتەنگە بېرىپ تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ، " ۋەتەننىڭ ئەھۋالى ناھايىتى چاتاق ئىكەن، تېخى بۇندىن 10 نەچچە يىل بۇرۇنلا، ھېيت نامىزىدىن يېنىپ تۇپراق بېشىغا بارساق، شېھىتلىكلەر كەلگەن قارىم بالىلار بىلەن تولۇپ كېتەتتى، ئۇلار بىزدەك دىنىي ساۋادى يوق ۋە قىرائەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئىشچى ‏- خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قەبرە بېشىدا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ مەخسۇس خەتمە قۇرئان قىلىپ بېرەتتى، ھەتتا بىزنى بىر ‏- بىرىدىن قىزغىنىپ تالىشىپ كېتەتتى، بىزمۇ ئۇلارنىڭ سايىسىدە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، روھىي ئازادىچىلىك ئىچىدە قايتىپ كېلەتتۇق، ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە ھېيت نامىزىدىن يېنىپلا شېھىتلىككە باردىم ۋە پۈتۈنلەي ئەكسىچە بىر مەنزىرىنى كۆردۈم، ئىلگىرى قارىملار بىزنى تالىشاتتى، ھازىر ئايەت بىلمەيدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر قارىملارنى تالىشىدىغان، ھەتتا بىر قارىمنى بىر مۇنچە كىشى تالىشىپ ئۆچىرەتتە تۇرىدىغان ئەھۋال پەيدا بوپتۇ، چۈنكى شېھىتلىكتە قارىملارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغىدەك دەرىجىدە ئازلاپ كېتىپتۇ " دەپ بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.

" ھېيت كۈنى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ۋە جاسۇسلار قاپلاپ كېتىدىكەن"

ھېلىقى دوستۇم بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، " ھېيت كۈنى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ۋە جاسۇسلار قاپلاپ كېتىدىكەن، ئىلگىرى بۇيەردە باشقىلار ئۈچۈن قىرائەت قىلىپ بېرىدىغان دىنىي زاتلار ۋە ياش قارىملارنىڭ كۆپىنچىسىنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپتۇ، سەللا گۇمانلىق دەپ قارىغانلىرىنى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار سۆرەپ ئاپىرىپ ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كېتىدىكەن، شۇڭا ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قورقۇپ شېھىتلىككە بارمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەندە دىندا ئوقۇغان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىدە ئىكەن، ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشىنى قاتتىق چەكلىگىنى ئۈچۈن، ياشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قۇرئان ئوقۇيالايدىغانلار ۋە ئايەتلەرنى يادقا بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئازلاپ كېتىپتۇ، ئىلگىرى بىرەر ئۆلۈم ‏- يىتىمگە پەتە ئوقۇپ بېرىپ قالساق، 10 نەپەر ياشنىڭ ئىچىدىن ئەڭ بولمىغاندا 2 ، 3 نەپىرى قىرائەت قىلىشنى بىلەتتى، ھازىر ھەتتا 50 ‏- 60 نەپەر ياشنىڭ ئىچىدىن قىرائەت قىلالايدىغان بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتىش تەس ئىكەن، بۇ خىل يۈزلىنىش مېنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈردى " دېگەن ئىدى.

يۇقىرىقى بۇ ئاددى سېلىشتۇرما، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش يولىدا ناھايىتى تىز قەدەم بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئۇندىن باشقا يەنە ، ھېيت نامىزى خۇتبىسىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 90 ‏- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەردە ئىماملارنىڭ جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىدا جامائەتكە تەبلىغ قىلىشىنى ۋە خۇتبە بېرىشىنى چەكلەشكە باشلىغان، بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىماملارنى مەسچىتلەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان ئاتالمىش " ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار كۇرسى " نى تاماملىغان قىزىلپاچاقلارنى مەسچىتلەرگە ئىمام ، مۇئەززىن قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇلارنى جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىدا جامائەتكە كومپارتىيىنىڭ ئەمىر ‏- پەرمانلىرىغا چەكسىز ئىتائەت قىلىشنى تەشۋىق قىلىشقا سالغان ئىدى.

مەسچىتلەرنىڭ تۈزۈمى خۇددى تۈرمىلەرنىڭ تۈزۈمىدەك ئىنتايىن قاتتىق

ۋەتەندىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچىمۇ، نۆۋەتتە ھېيت نامازلىرىدا جامائەتنىڭ مەسچىتلەرگە ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن مۇددەتتىن بۇرۇن كىرىپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، نامازدىن بۇرۇن خۇتبە يوق، نامازدىن كېيىن توغرا ‏- دۇرۇس دۇئامۇ يوق، ئىماملار ھېيت نامىزىنى خۇددى جىنازە نامىزىدەك ناھايىتى تىز تۈگىتىپ، مەسچىتلەرنى ئىتتىك بوشىتىشى لازىم، نامازدىن چىقىپ مەسچىتنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ بىر ‏- بىرىنىڭ ھېيتنى مۇبارەكلىشىمۇ چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر سىز كومپارتىيە ۋە ئىتتىپاق ئەزاسى بولسىڭىز، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچى ‏- خىزمەتچىسى بولسىڭىز، كادىر ياكى ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، 18 ياشتىن تۆۋەن بولسىڭىز ئۇ چاغدا ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، يوشۇرۇن كىرىپ ئاشكارىلىنىپ قالسىڭىز، ئۇزۇنغىچە سىياسىي بېسىم ۋە زەربىدىن قۇتۇلالمايسىز.

بولۇپمۇ ناھىيە، يېزا ۋە كەنتلەردىكى مەسچىتلەرنىڭ تۈزۈمى خۇددى تۈرمىلەرنىڭ تۈزۈمىدەك ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ھەر بىر مەسچىتكە ناھىيە، يېزا ۋە كەنت دەرىجىلىك كادىرلاردىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 7 ‏- 8 نەپەر كىشى قارانچۇق قىلىنغان ۋە بۇ مەنسەپدارلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن مەسچىتلەرنى سىياسيى جەھەتتىن نازارەت قىلىش ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى دىنىي زاتلارنى ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى كومپارتىيە ۋە سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بۇياش ئۈچۈن، ھېيت نامىزىدا پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇسۇلمان تىجارەتچىلەر ۋە ساياھەتچىلەر كۆپرەك كىرىدىغان قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ۋە ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىتى قاتارلىق ئاز ساندىكى نۇقتىلىق چوڭ مەسچىتلەردە ئىماملارنىڭ قىسقىچە خۇتبە ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، مەسچىتلەرنىڭ ئۆگزىسىگە ناغرا، - سۇنايچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارتىستلارنى ئۇسۇلغا سېلىپ، خۇددى شەرقىي تۈركىستان موسۇلمانلىرى ناھايىتى بەختىيارلىق ئىچىدە مۇبارەك ھېيتنى كۈتىۋالغاندەك بىر مەنزىرىنى يارىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

ئەگەر سىز ھېيت نامىزىغا ئىشتىراك قىلغان جامائەتكە زەڭ سېلىپ قارىغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن بىر خىل ھەسرەت، نادامەت، تەشۋىش، قايغۇ ۋە مەيۈسلۈكنىڭ يېغىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز، مانا بۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېيت مەنزىرىسى ! (پەرھات مۇھەممىدى)