خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى بەخىتسىزلىكلەرنىڭ خەۋەرچىسى
2007.10.23
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى يىغىن ئۈستىگە يىغىن، مۇراسىم ئۈستىگە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن تەشۋىقات ئورگانلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى گويا بەرىكەت ۋە بەخت - سائادەتنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە، بولۇشىغا تەشۋىق قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يالغان ۋەدىلىرىدىن سەسكىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە قايتىدىن قۇرۇق ئۈمىد پەيدا قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
ئاساسى مەقسەت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىش
ئەمەلىيەتتە بولسا خۇددى ئالدىنقى قېتىملىق قۇرۇلتايلىرىغا ئوخشاشلا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ دىنىي، قانۇنىي ۋە باشقا ھەق - ھوقوقلىرىنى قوغداش ھەققىدە بىرەر كەلىمىمۇ ئېغىزغا ئېلىنغىنى يوق، قۇرۇلتاي ھۆججەتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر بولسا، ئاتالمىش " چوڭ غەربىي شىمالنى ئېچىش قەدىمىنى تىزلىتىپ، شىنجاڭنى مەملىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش " دېگەن كەلىمىدىنلا ئىبارەت، خالاس !
بۇ، ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلىتىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بىر تىيىنلىق پايدىسى تەككىنى يوق
خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا، ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى 24 مىليون توننىغا، تەبىئىىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى 16 مىليارد 400 مىليون توننىغا، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى 50 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلگەن.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش سۈرئىتى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ بارماقتا، ئەمما بۇخىل ئېشىشنىڭ، بۇ بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارغا بىر تىيىنلىق پايدىسى تەككەن ئەمەس.
مەسىلەن، باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەتلا نېفىتنى ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر خەلقئارا بازارلاردا بىر توننا خام نېفىتنىڭ باھاسى 600 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، بۇ باھا بۇيىچە ھېسابلىساق، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان 24 مىليون توننا نېفىتنىڭ ئومومى قىممىتى 14 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليونغا يېقىن قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە، 14 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تەخمىنەن 10 مىليون ئۇيغۇرغا بۆلسەك، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1400 دوللاردىن كۆپرەككە توغرا كېلىدۇ. بۇ، ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان 100 خىلدىن ئارتۇق كان مەھسۇلاتىنىڭ پەقەتلا بىر تۈرى ھەققىدىكى مۆلچەردىن ئىبارەت.
ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇش ھوقوقىغا ئىگە بولغان بولسا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ئەڭ باي مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى، ئەپسۇسكى بۈگۈن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 1000 يۇەن ئەتراپىدا بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى كېيىنكى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان 10 پىرسەنتتىنمۇ تۆۋەن بولۇپ كەلمەكتە. مانا بۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قايسى دەرىجىدە تالان - تاراجغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 86 يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن قۇرۇق ۋە يالغان ۋەدىلىرى
ئەگەر بىز، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان 1921 - يىلىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن 17 قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمى مەزمونلىرىنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتكىنىمىزدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆتكەن 86 يىلىنىڭ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك مىللەتلەرنى قۇرۇق ۋە يالغان ۋەدىلەر ئارقىلىق ئالداش بىلەن ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
مەسىلەن، خىتايدا نەشر قىلىنغان " مىللەتلەر تەتقىقاتى " ژۇرنىلىنىڭ 86 - يىلىدىكى 4 - ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى، 1921 - يىلى 7 - ئايدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، مانجۇ ئىمپىراتورلۇقىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلگەن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، 1931 - يىلى چاقىرىلغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا بولسا، ئەگەر ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالسا يولغا قويىدىغان ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى ئېلان قىلغان، " جۇڭخۋا سوۋىت ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن لايىھىسى " دەپ ئاتالغان بۇ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىدە، " جۇڭخۋا سوۋىت ھاكىمىيىتى، جۇڭخۋا چېگرىسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە بۇخىل ئېتىراپ قىلىشنى تاكى ھەرقايسى ئاجىز مىللەتلەر جۇڭخۋادىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ " دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. خىتاي كومپارتىيىسى بۇخىل تەشەببۇسىنى تاكى 1947 - يىلى چاقىرىلغان 7 - نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغىچە ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 1949 - يىلىدىن كېيىن چاقىرىلغان 8 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئايان، بۇ جەرياندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن سىياسىتى، يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدى.
خىتاي كومپارتىيىسى ۋاڭ لېچۇەننى نېمە ئۈچۈن ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ ؟
بىز، بۇرۇنقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق 16 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر سېلىپ باقايلى.
2002 - يىلى چاقىرىلغان شۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ۋە رەھىمسىز بىر سىياسەتنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بىشارىتى ئىدى.
چۈنكى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ۋاڭ لېچۇەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن 1995 - يىلى 12 - ئايدىن، تاكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان 2002 - يىلىغىچە بولغان مەزگىل، شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچەيگەن دەۋىرگە قەدەم قويغان، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جانلانغان، يەرلىك خەلققە قارىتىلغان قانلىق باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىمۇ ئەڭ شەپقەتسىزلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن بىر مەزگىل ئىدى، بۇنداق بىر شارائىىتتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھادىسىلەردە باش رول ئوينىغان ۋاڭ لېچۇەننىڭ مەنسىپىنى ئېلىۋىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى، يەنە شۇنداقلا 16 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدىن بۇيان ۋاڭ لېچۇەننىڭ خىتايدىكى بەزى زور خىيانەتچىلىك دىلولىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارىماستىن، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىلىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ قاتتىق ھالدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن، بۇ قېتىمقى 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىلنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور خەۋپكە دۇچ كەلگەن مەزگىل دېيىش مۇمكىن، چۈنكى بۇ مەزگىلدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىدىدە يولغا قويغان ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە زور قەدەم تاشلىدى.
ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش " دېگەن نىقاپ ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىتىمۇ دەل مۇشۇ مەزگىلدە يولغا قويۇلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش " دېگەن شوئارمۇ يەنە مۇشۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
قىسقىسى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىر شۇملۇقنىڭ، بالايى - قازانىڭ ۋە بەخىتسىزلىكنىڭ خەۋەرچىسى بولۇپ كەلدى. (پەرھات مۇھەممىدى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە كىتاب نەشىر قىلىندى
- كەلپىندىكى ئىككى يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى تارالدى
- ئۈرۈمچىدە تېخنىك مەكتەپنىڭ 43 ئوقۇغۇچىسى كاربون مونوكسىد گازىدا زەھەرلەندى
- ۋاڭ لېچۈەن، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلاندى
- د ۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق قىلىشى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زادى نېمە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ ؟
- خىتاينىڭ رابىيە خانىمغا قاراتقان يېڭى ئىستىراتېگىيىسى
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بارغانچە ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پېتىپ بارماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ يالغان دېموكراتىيىسى
- ۋاڭ لېچۈئەن : شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئەل ئىناق، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق
- غۇلجا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ھادىسىسىدە كان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىدى
- خىتاي قاناستا ئامېرىكىنىڭ يېلوۋستون مەملىكەتلىك باغچىسىدىنمۇ چوڭ كۆلەملىك باغچە قۇرماقچى
- ۋاڭ لېچۈەن، مۇقىمسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا جىددىي مەسىلە، دېدى