چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىدىدە جىددىي يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش "قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىل دەپ قارىماقتا. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ تىل ۋە يېزىقى، شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى، ئۆزىنىڭ ئانا تىل - يېزىقىنى يوقاتقان بىر مىللەتنىڭ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئاقىۋەتتە بۇ، شۇ مىللەتنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىنسانىيەت تارىخىغا باققىنىمىزدىمۇ، ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلار سەۋەبىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن بىرمۇ مىللەت يوق، ئەمما باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلاتسىيىسىگە ئۇچراپ يوقاپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ "قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايچە تىل - يېزىق، خىتايچە ئاڭ ۋە خىتايچە مەدەنىيەت بىلەن تەربىيىلەش ئاساسىغا تايانغىنى ئۈچۈن، بۇ ھال تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
چۈنكى ياش - ئۆسمۈرلەر بولسا بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋارىسچىلىرىدىن ئىبارەت، ئەگەر بۇ ۋارىسچىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە مىللىي قىممەتلىرىنى يوقاتقان تەقدىردە، شۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش جەھەتتە باسقان غايەت زور قەدەملىرى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا، " مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يەنە 15 - 20 يىلدىن كېيىن مىللىتىمىز نېمە بولۇپ كېتەر ؟ " دېگەن سوئالنى پەيدا قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىنى 258 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا
" ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى " تەرىپىدىن بۇيىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى "تيانشان خەۋەر تورى " دا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مەكتەپلەرگە قارىتا ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " نى رەسمىي يوسۇندا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان ۋاقتى 2004 - يىلى بولۇپ، شۇ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، " قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ھەققىدە قارار " نى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قاراردا، ئاۋال مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " نى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
2005 - يىلىغا كەلگەندە يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، " ئازسانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرىگە قارىتا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خىتايچە ئۆگىتىش ھەققىدە پىكىر " دېگەن نەرسە ئېلان قىلىنىپ، يەسلىلەردىكى مىللىي ئۆسمۈرلەرگە قارىتامۇ خىتايچە ئۆگىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى.
2004 - يىلىنىڭ ئاخىرى، شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە 52 مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتە سىناق تەرىقىسىدە 946 " قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى " تەسىس قىلىنىپ، بۇ سىنىپلاردا ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 35 مىڭ 948 نەپەرگە يەتكۈزۈلدى، 2005 - يىلى بولسا بۇ خىل سىنىپلارنىڭ سانى بىراقلا 4505 كە، ئۇنىڭدا ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بولسا 145 مىڭ 138 نەپەرگە يەتكۈزۈلدى.
بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي مەكتەپلەردىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىنى روشەن ھالدا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، مىللىي مەكتەپلەردىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا يوللىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 2010 - يىلىغا قەدەر ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى 258 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
بۇ جەرياندا يەنە 891 مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىلگەن.
خىتاي يېزىلاردىكى يەرلىك يەسلى بالىلىرىغا خىتايچە ئۆگىتىپ بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا
بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان " مىن كاۋخەن " لەرنىڭ، يەنى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىمۇ ئالاھىدە ئاشۇرغان بولۇپ، ھازىر خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان " مىن كاۋخەن " لەرنىڭ سانى، ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ 20 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، خېلى كۆپلىگەن خىتاي مەكتەپلىرى بۇ نىسبەتنى 50 پىرسەنتتىن كۆپرەككە يەتكۈزگەن.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئوڭۇشلۇق ۋە تىز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاقسۇ، قەشقەر، ئاتۇش ۋە خوتەن رايونلىرىدىكى 56 ناھىيىدە 430 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىپ، 1009 مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپتە "قوش تىللىق تەلىم - تەربىيە كۇرسى " ئېچىپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغان مىللىي ئۆسمۈرلەرگە قارىتا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن مەخسۇس خىتايچە دەرس بېرىشنى قارار قىلغان ئىدى، شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان خىتايچە يەسلىلەر خۇددى ۋابادەك ناھايىتى تىز سۈرئەتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغىچە يېيىلماقتا.
خىتاينىڭ ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 3 - 6 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 720 مىڭ نەپىرى ئازسانلىق مىللەت بالىلىرى ئىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلىدىن 2010 - يىلىغا قەدەر، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن، ئىلى، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا يېزىلاردىكى يەرلىك يەسلى بالىلىرىغا قارىتا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خىتايچە ئۆگىتىپ بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. ئۇندىن باشقا يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئاتالمىش "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى " نى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنوبىي رايونلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى بۇ " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى " غا ئەۋەتىپ تەربىيىلەشكە باشلىغان ئىدى.
"شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتى " نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2000 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىن 15 مىڭغا يېقىن يەرلىك ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى " غا ئەۋەتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلىغا قەدەر بۇ "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى " غا ئەۋەتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق سانىنى 20 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى 150 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي؛ سانجى، كۈيتۇڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس " تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى " تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنوبىي رايونلىرىدىكى مىللىي مەكتەپلەردىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، بۇ سىنىپلاردا مەجبۇرىي ئوقۇتۇشقا باشلىغان ئىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە يۇقۇرقى شەھەرلەردىكى خىتاي مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش " تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى " دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9000 غا يەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى 150 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
ھازىر " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىنغان.
ئۆتكەندە خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا، جەنۇپتىكى بەزى " قوش تىللىق يەسلى " ۋە " قوش تىللىق مەكتەپ " لەرنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر دېھقان ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتايچە سۆزلىشىنى ۋە خىتايچە ناخشا ئېيتىشىنى ئاڭلاپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ۋە خىتاينىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " قا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان ئىدى، شۇندىن بۇيان ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنوبىي رايونلىرىدا ئۆز ئالدىغا " قوش تىللىق يەسلى " ۋە " قوش تىللىق مەكتەپ " لەرنى بەرپا قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ كەلمەكتە.
مانا بۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش يولىدا باسقان قەدەملىرى، يۇقۇرقى كىشىنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق رەقەملەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ قانداق بىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا. (پەرھات مۇھەممىدى)