غۇرورسىز ۋە ئىنساپسىز ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۇلاپ ۋە ئالداپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئوغرىلىق ۋە يانچۇقچىلىققا ئوخشىغان تۈرلۈك ناشايان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقوق كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى بۇ ھەقتە ئىسپات بېرىشكە چاقىرغانلىقىمۇ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقوق دوكلاتىدىمۇ، خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئەتكەسچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە سەمىمىي ئەمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن ئىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر سەرگەردان ئۆسمۈرلىرىگە قارىتىلغان قارىلاش كامپانىيەلىرى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا، بەزى ئىمانسىز، غۇرورسىز ۋە قارا يۈرەك مەلئۇنلار تەرىپىدىن مەجبۇرلاش ۋە ئالداش ئۇسۇللىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە خەۋەر ۋە رەسىملەر ئېلان قىلىنىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازى غەرەزلىك ھالدا خۈنۈكلەشتۈرۈلمەكتە.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھەممىسىلا تۇغما ئوغرى، يانچۇقچى ۋە بۇلاڭچى قىلىپ كۆرسىتىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ سەبى بالىلارغا بولغان نەپرەت تۇيغۇلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولماقتا.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدە مەخسۇس سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خەلق ئەترەتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئاستىرىتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە مەھەللە لۈكچەكلىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ئەترەتلەر، مەيلى گۇناھ ئۆتكۈزسۇن ياكى ئۆتكۈزمىسۇن، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۇچراتقان ھامان تۇتۇۋېلىپ، بولۇشىغا دۇمبالاپ چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلىۋىتىدىغان، ياشلىرى 5 - 13 ئارىلىقىدىكى بۇ بىچارىلەرنىڭ قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ چىڭ باغلاپ، كوچىلاردا ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىدىغان ئادەتنى چىقىرىۋالغان. يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئىنتېرنېت تورلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ رەسىملىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنى بۇلاردىن ئېھتىيات قىلىش ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.
خىتاي ئۆلكىلىرىدە قانچىلىك سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرى بار؟
خىتاينىڭ " فېڭ خۇاڭ " ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، " ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر سەرگەردان ئۆسمۈرلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش " ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، " ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش پونكىتى " نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 4000 دىن ئارتۇق دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتىكى سان تەخمىنەن 7000 - 8000 ئەتراپىدا.
" شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى " نىڭ يەنە بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2003 - يىلى 1 - ئايدىن، 2005 - يىلى 12 - ئايغىچە، " ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت " تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سانى 3660 نەپەر بولۇپ، بۇ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئارانلا 12.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنوبىي رايونلىرىغا مەنسۇپ.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا، بالىلىرىنى يوقاتقان ئاتا - ئانىلارنىڭ، بىرقانچە يىللاپ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلمىغانلىقى، ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ بارمىغانلىقى، قانۇن ئورۇنلىرىغا ۋاقتىدا مۇراجەت قىلمىغانلىقى ئەيىبلىنىپ، ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار گوياكى قارا يۈرەك ۋە رەھىمسىز قىلىپ تەشۋىق قىلىنماقتا.
ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈمچان، پەرزەنتلىرىنىڭ بولسا ئاتا - ئانىلىرىغا ۋاپادار ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.
ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە پەرزەنتلىرىنى ئىزدەپ بارالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر
ئۇنداقتا ئاتا - ئانىلار نېمە ئۈچۈن يوقالغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلالمايدۇ ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى ئاددى، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرقى دوكلاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق كىرىمى ئاران مىڭ يۇەن ئەتراپىدا، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بۇيىچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاچ - يالىڭاچلىق ۋەزىيىتىدە ياشىماقتا، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، قوسىقىنى تويغۇزىدىغانغا پۇلى بولمىغان بىچارە ئۇيغۇرلار، قايسى پۇلىغا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بېرىپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلالىسۇن ؟ چۈنكى قەشقەر ياكى خوتەندىن خىتاينىڭ مەلۇم بىر ئۆلكىسىگە بېرىش ئۈچۈن كىرا ھەققى ئۈچۈنلا ئەڭ ئاز بىر قانچە مىڭ يۇەن سەرپ قىلىشى لازىم، بارغاندىن كېيىن، مېھمانخانىدا يېتىشى لازىم، يىلدا ئاران مىڭ يۇەن كىرىم قىلىدىغان دېھقاننىڭ بۇنىڭغا قانداقمۇ قۇربى يەتسۇن ؟ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى قانۇن ئورۇنلىرىغا مۇراجەت قىلىشتىن باشقا چارىسى يوق.
خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى ئاتالمىش " 3 خىل كۈچلەر " گە زەربە بېرىشكە قارىتىلغان
بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئاتالمىش " 3 خىل كۈچلەر " گە زەربە بېرىشكە قارىتىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇلاردىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بېرىپ بالىڭىزنى تېپىپ كېلىشىنى كۈتىشىڭىز بولسا، قۇرۇق خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
خىتاي ئۆلكىلىرىدە سودا ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قايسى ئۆلكىنىڭ قايسى شەھىرىدە قانچىلىك سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ بارلىقى ھەممىگە ئايان بولۇپ، ئۇلارنى ئىزدەشمۇ كەتمەيدىكەن، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇن ئورۇنلىرى خالىسا، ئۇلارنى بىر - ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كىتەلەيدىكەن، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇن ئورگانلىرىدىن بىرەر قېتىممۇ ئادەم كېلىپ باقمىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستاندىن مەخسۇس كېلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ۋە ھەتتا مەخسۇس پونكىتلارنى قۇرۇپ ياتقان ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئىكەن. مانا بۇ، خىتاينىڭ قانۇن جەھەتتىكى ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇشتىكى تۈپ مەقسىتى
ئۇنداقتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ سەرگەردان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزى مۇناپىقلار تەرىپىدىن ئوغرىلىققا ۋە يانچۇقچىلىققا سېلىنىشىغا كۆز يۇمۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب نېمە ؟
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا بۇ ھەقتە ئىزاھات بەرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش " ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى " نى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇلارغا قاتتىق تەدبىر قوللانغان تەقدىردە، كومپارتىيىنىڭ " مىللەتلەر سىياسىتى " گە خىلاپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى پۇقرالار ئىچىدە، كومپارتىيىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بۇ خىل " ئېتىبار بېرىش " سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلار ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بارماقتا.
ئەمەلىيەتتە بولسا، خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئالداپ ۋە بۇلاپ ئېلىپ كېلىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە كۆز يۇمۇشى، خىتاي مەركىزى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، تۈپ مەقسىتى، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى، خۇددى چەتئەللەردىكى مەشھۇر خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋىي جىڭشىڭ، ۋۇ خۇڭدا، ۋاڭ لىشيۇڭ قاتارلىقلارنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، خىتاي خەلقى ئىچىدە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ھېسداشلىق تۇيغۇلىرىنىڭ كۈچىيىشى، كەلگۈسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش قەدىمىنى تىزلىتىشى مۇمكىن، چۈنكى كەلگۈسىدە خىتايدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەت ئىگىلىگەندە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە قېلىپ - قالماسلىقىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەل قىلغۇچ مۇھىم رول ئوينايدۇ، خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋىي جىڭشىڭمۇ 1999 - يىلى جەنۋەدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى جەريانىدا، " سىلەرنىڭ مۇستەقىللىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ھازىر مەن قارار بېرەلمەيمەن، كەلگۈسىدە بىز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىدە خەلقىمىزنىڭ رايىغا قاراپ قارار بىرىمىز " دېگەن ئىدى.
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ بۇنىڭ كەلگۈسى خەتىرىنى ھېس قىلىپ يەتكىنى ئۈچۈن، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆز خەلقى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى، " رادىكال، تېررورچى، قاتىل، ياۋايى " دەپ بولۇشىغا تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقۇرقىدەك ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بۇلاپ كېلىپ ناشايان ئىشلارغا مەجبۇرلاۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ يىرگىنىشلىك قىلمىشلىرىغا قەستەن كۆز يۇمۇش ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تاياق - توقماق ۋە بېسىم ئاستىدا قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئوغرىلىق ۋە يانچۇقچىلىققا ئوخشاش ئىشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى گويا تۇغما ئوغرى، يانچۇقچى، بۇلاڭچى ۋە قاتىل قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بەزى ئىمانسىز، غۇرورسىز، ۋىجدانسىز، ئىنساپسىز مەخلۇقلارمۇ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۇلاپ ۋە ئالداپ ئاپىرىپ ناشايان ئىشلارغا سېلىش ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان ئومۇمىي ئىستراتېگىيىسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ كەلمەكتە. (پەرھات مۇھەممىدى)