خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەشۋىقات كۈرىشى
2007.11.22
كېيىنكى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەربىيىسى جەھەتتە ئىنتايىن كەسكىن بىر تەشۋىقات كۈرىشى داۋام قىلماقتا.
بىر - بىرىگە زىت " قوش بايرام " لار
خىتاي ھاكىمىيىتى ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى، يەنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئاتالمىش " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " قۇرۇلغان كۈننى ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتىلغان " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەربىيىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە سىياسىي قىبلىنامىسى قىلىپ كەلگەن بولسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 1933 - ۋە 1944 - يىللىرى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ سىياسىي بايراقدارى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان يۇقۇرقى ئاتالمىش " قوش بايرام " غا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىرادىسىگە ۋە ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قوش بايرامغا تەنتەنە قىلىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.
ئۇنداقتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك " دېگەن زادى نېمە ؟ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرغىپ قىلىۋاتقان " ۋەتەنپەرۋەرلىك " بىلەن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوتتۇرىسىدا قانداق بىر پەرق بار ؟
" ۋەتەنپەرۋەرلىك " دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە
مېنىڭچە " ۋەتەنپەرۋەرلىك " دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئاساسىي مەنىسى، ئەجدادلىرى ياشاپ كەلگەن ۋە ئەجدادلىرىغا تەۋە بولغان يۇرتىنى، تۇپرىقىنى، ۋەتىنىنى سۆيۈش، ۋەتىنىدىكى خەلقىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە مىللىي مىراسلىرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىش ھەم قوغداش، ئۆز خەلقىنىڭ قايغۇ ۋە شادلىقىغا ئورتاق بولۇش، ئۆز ۋەتىنىنى مۇقەددەس بىلىش ۋە ئۇنى جانپىدالىق بىلەن قوغداش، ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش.
دېمەك، " ۋەتەنپەرۋەرلىك " دېگەن بۇ ئۇقۇم، ماھىيەتتە چەكسىز سۆيگۈ ۋە ساداقەت بىلەن مۇجەسسەملەنگەن خاسىيەتلىك بىر ئۇقۇمدىن ئىبارەت.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز خەلقىغە قارىتا سېستىمىلىق ۋە جىددىي ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا قارىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن " ۋەتەنپەرۋەرلىك " ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە قاراشنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس:
بىرىنچىدىن، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مەھسۇلى ھېسابلانغان " شىنجاڭ " نى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ئىرادىسىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلانغان " شەرقىي تۈركىستان " نى سۆيۈش، " شىنجاڭ " كەلىمىسىنى ئېغىزغا ئېلىشنى نومۇس دەپ بىلىش.
ئىككىنچىدىن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن " قوش بايرام " دەپ تەنتەنە قىلىنىۋاتقان 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى، "ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ماتەم كۈنى ۋە قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى " دەپ تونۇش.
ئۈچىنچىدىن، قەھرىمان ئەجدادلىرى تەرىپىدىن 1933 - ۋە 44 - يىللىرى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قىبلىنامە قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈككە ۋە ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ھەر زامان ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىپ تۇرۇش.
تۆتىنچىدىن، ئانا ۋەتىنىنى زورلۇق بىلەن ئىشغال قىلغان، ۋەتىنىنىڭ بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىۋاتقان، خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى شۇنداقلا پۈتۈن مىللىي قىممەتلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، خەلقىغە رەھىمسىزلەرچە زۇلۇم سېلىۋاتقان ۋە ئاياق - ئاستى قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى ئېنىق ئىپادە قىلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقوقلىرىنى ۋە ھۆر - ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە سېلىۋاتقان يۇقۇرقىدەك شەپقەتسىز زۇلۇملىرىنى ئەركىن دۇنيا خەلقىغە پاش قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى ۋە تەشكىلاتلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ، ئۇلارنىڭ شەرەپلىك سېپىدىن ئورۇن ئېلىش.
دېمەك، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۇخىل يېتەكچى ئىدىيىدىن، ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ناھايىتى زور بىر ئىدېئولوگىيىلىك جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بولۇپمۇ بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چەتئەلدىكى 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى تەرىپىدىن تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ناھايىتى كەڭ ۋە داغدۇغىلىق ھالدا بىر تۇتاش خاتىرىلەنگەنلىكىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى تەشۋىقاتىنىڭ زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاتالمىش " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەشۋىقاتى
ئۇنداقتا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەشەم بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەربىيىسى تەشۋىقاتىچۇ ؟
بۇ ھەقتە ئارتۇقچە توختالمىساقمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتىنىڭ مۇنداق بىرقانچىلا نۇقتىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس: خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن دەردى، " شىنجاڭ " دېگەن ئۇقۇمنى ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىغا زورلاپ سىڭدۈرۈش، " شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى " دېگەن كونا سەپسەتىسىنى مەجبۇرلاپ قوبۇل قىلدۇرۇش، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە ۋە ئۇنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا خۇددى قوي - كالىلاردەك شەرتسىز - ساداسىز ھالدا چەكسىز ئىتائەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغان " گىتلېرچە ۋەتەنپەرۋەرلىك "
بۇيەردە يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەنكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقۇرقىدەك " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەشۋىقاتىدىن سىرت يەنە، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان ئايرىم بىر خىل " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەربىيىسى تەشۋىقاتى بار، بۇخىل تەشۋىقاتىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇنى گىتلېرنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدىكى گېرمان خەلقىغە ئېلىپ بارغان ئاتالمىش " ۋەتەنپەرۋەرلىك " تەشۋىقاتىدىن قىلچە پەرقى يوق، گىتلېرمۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ۋەتەنپەرۋەر زات دەپ قارايتتى، ئۇنىڭ تەرغىپ قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىكى، نېمىس مىللىتىنى زوۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەن، ئېسىل ئىرققا مەنسۇپ مىللەت دەپ قاراش، نېمىس بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەس ۋە خور كۆرۈش، گېرمانىيىدىكى باشقا ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ياشاش ھەققىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئۇلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىش، بۇلاپ - تالاش ۋە ئېزىش. گىتلېرنىڭ بۇ خىل " ۋەتەنپەرۋەرلىكى " سەۋەبىدىن، ئەينى چاغدا مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئاقىۋەت گىتلېرنىڭ ئۆزىمۇ بېشىنى يەپ، گېرمانىيە خەلقىغىمۇ چەكسىز بالايى - ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا دەل بۇ خىل تەشۋىقاتنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە، يەنى، بۇيەردىكى خىتايلار ئۆزىنى خوجايىن مىللەت دەپ قارىشى كېرەك، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ماسلىشىپ، ھاكىمىيەتنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى ئېزىشىگە، خورلىشىغا، تالان - تاراج قىلىشىغا، ھەتتا رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىشىغا يانتاياق بولۇپ بېرىشى لازىم، ئەنە شۇندىلا ئۇلار ھاكىمىيەتنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا " بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەۋلادلىرى " بولالايدۇ.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ " شىنجاڭ " كەلىمىسىدىن خەۋىرى يوق
ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات جەھەتتە شۇنچە زور ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولۇشىغا قارىماستىن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بولۇپمۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئاتالمىش " ۋەتەنپەرۋەرلىك " ئىدىيىسىگە پۈتۈنلەي قارشى بولغان بىرخىل چۈشەنچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۈچىيىشكە باشلىغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سۈنئىي تەشۋىقاتىنىڭ ھېچبىر ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ئەڭ ئاددى مىسال، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھېچبىرى " شىنجاڭ " دېگەن بۇ كەلىمىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى " شەرقىي تۈركىستانلىق " ياكى " ئۇيغۇرىستانلىق " دەپ بىلىدۇ، بۇ دۆلەت نامىنى ھەتتا ساۋاقداشلىرىغا ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ قوبۇل قىلدۇرغان، ئۇلار چەتئەللىك دوست ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ۋەتەن ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ قالسا، ۋەتىنىنى خىتايلارنىڭ بېسىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقىنى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئاڭلىتىشقا باشلايدۇ، مانا بۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەزىيىتى بۇنداق ئىكەن، دېمەك چوڭلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى روھىي دۇنياسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس! (پەرھات مۇھەممىدى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى " ناملىق ماقالىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇر ئىلىدىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنۇشقا بارغان خىتاي ئەرزدارلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
- ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى - ئادىل ھاكىم شىۋېتسىيىگە كېلىپ قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ ئاجراتتى
- ياپونىيىدە بىر كىشى
- كېرىيىدە يېزا نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا سىرتلارغا يۆتكەلگەن
- ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى 13 ئورۇن ب د ت قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
- بىشكەكتە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
- ئەزەربەيجاندا تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى
- داۋۇت راۋاب ۋاپات بولدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قارا خۇمدان تاقىۋېتىلدى
- ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا