ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟


2007.12.13

قۇربانلىق قىلىش بولسا، مۇبارەك قۇربان ھېيتىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەرتلىرىنىڭ بىرى. ۋەتەندىن كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بىر كىلوگرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى 20 نەچچە يۈەن، بۇ باھا بۇيىچە بولغاندا، نورمال بىر قوي ئېلىشىڭىز ئۈچۈن 500 - 600 يۈەن سەرپ قىلىشىڭىز لازىم.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچىمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە پىلانسىز ھالدا زور مىقداردا قوي - كالا يۆتكەپ سېتىشى سەۋەبىدىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە قوي - كالا گۆشىنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 30 پىرسەنتكە يېقىن ئېشىپ، بازار تەرتىپى جىددىي تۈردە قالايمىقانلاشقان، بولۇپمۇ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا بەزى مال بازارلىرىدا قوچقار تۇرماق، ھەتتا قوتۇر ئۆچكىنى تېپىشمۇ تەسلىشىپ كەتكەن.

ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يېزىلاردا ياشىماقتا، قەشقەر بىلەن خوتەننى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ ئىككى ۋىلايەت، شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بولۇپ، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا قەشقەردىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1800 يۈەن، خوتەندىكى دېھقانلارنىڭ بولسا 1337 يۈەن، بۇ رەقەملەرنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شى داگاڭ بىلەن، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى جۇ خەيلۇن ئىككىسى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان " ئاپتونوم رايونلۇق 6 - نۆۋەتلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى " مەزگىلىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان ئىدى.

" قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى" دەپ ئاتالغان ئاتۇش رايونىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ بەتتەر بولۇپ، بۇ رايونغا قاراشلىق ئاقتۇ ۋە ئۇلۇغچات ناھىيىلىرىدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، بۇ ناھىيىلەرگە قاراشلىق بارىن ۋە كوسراپ يېزىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن خەلق ئىسيانلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى نامراتلىق ۋە يوقسۇللۇق ئىدى.

دېمەك، ھازىرقى باھا بۇيىچە ھېسابلىغاندا، قەشقەر، ئاتۇش ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىغا تەخمىنەن 3 تۇياق قوي كېلىدۇ، يەنى، بىر دېھقان نورمال بىر قۇربانلىق قوي سېتىۋىلىش ئۈچۈن 4 ئايلىق كىرىمىنى سەرپ قىلىشى لازىم، يەنە شۇنداقلا بۇ 4 ئاي بۇيىچە يىمەسلىكى، ئىچمەسلىكى، كىيمەسلىكى، قىسقىسى ھېچقانداق چىقىم قىلماسلىقى كېرەك، ۋەزىيەت بۇ ئىكەن، بۇ بىچارىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئۇنىڭ ئۈستىگە " شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى 30 ناھىيىدە يىللىق ساپ كىرىمى 700 يۈەندىن تۆۋەن بولغان 1 مىليون 290 مىڭ دېھقاننىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ "قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن ئەمەس " لىكى بايان قىلىنغان ئىدى، دېمەك، بۇلارنىڭ پۈتۈن قوينى قۇربانلىق قىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا توخۇ - ئۆردەك سويۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغانلىقى ئوچۇقچە كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.

مەن " شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى" نىڭ مۇخبىرلىق سالاھىيىتىم بىلەن خوتەن رايونىغا زىيارەت قىلىشقا بارغىنىمدا، نەچچە مىڭ نوپۇسقا ئىگە بىرەر يېزىدا بىر - ئىككى دېھقاننىڭ قوي سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلغانلىقى ناھايىتى چوڭ خەۋەر سۈپىتىدە ئىستانسىمىزدا ئېلان قىلىناتتى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بولسا بۇنى كومپارتىيىنىڭ سايىسىدا بېيىپ روناق تاپقانلىقىنىڭ ئىسپاتى قاتارىدا كۆرسىتىپ بولۇشىغا تەشۋىق قىلاتتى، ئەينى چاغدا سەل بايىراق بىر دېھقان ھېيت كۈنى قۇربانلىق سويسا، ئۈستى - بېشى جۇل - جۇل نەچچە يۈزلىگەن دېھقان ئولىشىۋېلىپ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇشاتتى، قۇربانلىقنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ يەرگە ئاققان لاي ئارىلاش قېنىدىن ئېلىپ پېشانىسىگە ئازراق سۈرتىۋالسا، خۇددى ئۆزلىرىمۇ قۇربانلىق قىلغاندەك سۆيۈنۈپ، ئاللاھقا شۈكرى قىلىشاتتى.

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاچ - يالىڭاچلىق ۋەزىيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇندىن 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى يۇقۇرقىدەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنىڭ ھازىرمۇ ھەم ئەينەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكلاتلاردا ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بولسا شەرقىي تۈركىستاندا سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى، يىلدىن - يىلغا ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭمۇ كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنماقتا.

ئۇنداقتا قايسى " خەلق " نىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ ؟ ئەلبەتتىكى خىتاي خەلقىنىڭ، يەنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىكنى قاقتى - سوقتى ۋە تالان - تاراج قىلىش، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۆز كۆچمەنلىرىنى بوداش سىياسىتى نۆۋەتتە بۇ رايوندا يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى جەھەتتە ئىنتايىن زور پەرقنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولماقتا.

مەسىلەن، ئۈرۈمچىنى ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى خىتايلار تەشكىل قىلماقتا. " ئازسانلىق مىللەت " دەپ ئاتالغانلارنىڭ نىسبىتى 24 پىرسەنتتىن كۆپرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 5 - 6 پىرسەنت بولۇپ، قالغىنى تۇڭگان، شېۋە، مانجۇ ۋە باشقا مىللەتلەردىن ئىبارەت.

" ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى " دە بۈگۈن، يەنى، 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۈرۈمچىدە ھەر بىر كىشىنىڭ پەقەتلا يىمەكلىك سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2646 يۈەندىن توغرا كەلگەن، شەھەر ئاھالىسىنىڭ 94 پىرسەنتى بولسا ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالغان.

دېمەك، ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ بىر يىلدا يەپ - ئىچىشكە سەرپ قىلىدىغان پۇلىلا جەنۇبتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىرىمىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە كۆپ. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئادالەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئاچ - يالىڭاچلىق ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، باشقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.

خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر پەقەتلا جەنۇبتىكى قەشقەر، ئاتۇش ۋە خوتەن رايونلىرىدىنلا " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى " دېگەن نامدا باشقا يۇرتلارغا ھەيدەلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن.

دېمەك، ئۆزىنىڭ ئانا تۇپرىقىدا قورسىقى تويغۇدەك تاماق، ئۇچىسى ئىسسىنغىدەك كىيىم كىيىشكە قۇربى يەتمىگەن بىچارە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قۇربانلىق قوي سېتىۋېلىشقا قانداقمۇ قۇربى يەتسۇن!؟ (پەرھات مۇھەممىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.