ئالتۇن تاۋاقلىق تىلەمچىلەرنىڭ قۇربان ھېيتى
2007.12.24
ئەركىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەۋاتقان شۇ كۈنلەردە، دىنىي ئېتىقاد، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقوق ۋە قانۇن - تۈزۈمنىڭ دۈشمىنى ھېسابلانغان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ماناپوللۇقىدىكى ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز بىر سېستىما ئىچىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان موسۇلمانلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ ئورتاق خوشاللىقىدىن مۇستەسنا ھالدا قايغۇ ۋە ئەلەم ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا.
كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن " ئاجايىپ مۇۋاپىقىيەتلىرى"
مۇبارەك قۇربان ھېيت كىرگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرى، كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن " ئاجايىپ مۇۋاپىقىيەتلىرى" نى بولۇشىغا ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، گويا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " شەپقىتى " ئاستىدا ھەر كۈنى گۆش - مايغا چىلىنىپ راھەت - پاراغەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك بىر ساختا مەنزىرىنى پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتا.
ئاتالمىش " ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى " نىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قۇتلۇقلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 120 يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ بولسا 3150 يۈەنگە يەتكەنمىش.
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يەنىلا يېزىلاردا
ئۇنداقتا بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەرلىرىدە كىملەر ياشاۋاتىدۇ ؟ ئەلۋەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ياشاۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يەنىلا يېزىلاردا ياشىماقتا، دېمەك، بۇ 10 مىڭ 120 يۈەنلىك كىرىمنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئانچە چوڭ بىر ئالاقىسى يوق، ئەمدى دېھقانلارنىڭ 3150 يۈەنلىك كىرىمىگە كەلسەك، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا، بۈگۈن قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1800 يۈەن، خوتەننىڭ 1300 يۈەندىن كۆپرەك، ئاتۇش رايونىنىڭ بولسا 1100 يۈەن ئەتراپىدا، ھازىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتىگە يېقىنراقى بۇ 3 ۋىلايەتتە ياشىماقتا، قىسقىسى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىدىنمۇ بىر ھەسسىدىن ئارتۇق تۆۋەن، 3150 يۈەنلىك كىرىم بىلەنمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئانچە چوڭ بىر ئالاقىسى يوق.
يەنە ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا قىلغان سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 26 مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن ۋە ئېشىش مىقدارى 18 يىلدىن بۇيان خىتاي بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ 21 مىليارد كۇپ مېتىرغا يىتىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى 27 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان. يەنە كېلىپ، بۇ يىللىق ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ 7 توننىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ
قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ بايانلىرىغا قارىسىڭىز، شەرقىي تۈركىستاندا پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلغان، بۇغۇ راست، ئەمما رىئاللىققا نەزەر سالسىڭىز، تەرەققى قىلمىغان ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن نەرسە - ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن ئىبارەت.
ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندىمۇ، پەقەت بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇ بىچارىلەر ھازىرمۇ ھەم ئىچكى ئۆلكىلەردىكى رەھىمسىز ۋە ئىنساپسىز خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ قولىدا خۇددى قۇللاردەك كېچە - كۈندۈزلەپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا، ئەمما يىلدا بىر كىلىدىغان مۇبارەك قۇربان ھېيتتا بۇ بىچارىلەرنىڭ غېمىنى قىلىدىغان ھېچبىر ئەمەلدار ياكى ھۆكۈمەت يوق، خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان مۇراسىملاردا، ھېچ بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي مەدىكارلىققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغانلىقىنى بايقىيالايسىز.
ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئالتۇن تاۋاقلىق تىلەمچىلەر
قۇربان ھېيت كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي خوجايىنلىرىغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بايرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتلىرىغا قايتقانلىقى ھەققىدە ھېچ بىر ئۇچۇر يوق.
خىتاينىڭ چاغىنىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ، ھەر يىللىق چاغان مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارىدۇ، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا قاتنىشى ئۈچۈن مەخسۇس لېنىيەلەرنى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئىش ھەققى، بانكا رەسمىيىتى ۋە باشقا ماددى جەھەتلەردە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش تۈزۈملىرىنى يولغا قويىدۇ.
دېمەك، يۇقۇرقى سېلىشتۇرمىغا قارايدىغان بولساق، بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بىر خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، بىر ۋارىل يەنى بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 100 دوللاردىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، نېفىت دېڭىزى ھېسابلانغان جۇڭغار ۋە تارىم ۋادىسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خۇددى چەتئەللىك سىياسىي كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئاتاپ كەلگىنىدەك، ھەقىقەتەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئالتۇن تاۋاقلىق تىلەمچىلەردىن ئىبارەت. (پەرھات مۇھەممىدى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېڭىسار ناھىيىسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى قۇربان ھېيت كۈنى يىغىۋېلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى
- خىتاي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى يۆتكىمەكچى
- كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال مەغلۇب بولدى، دېموكراتىك ئىنتېرناتسىئونال يولغا چىقتى
- تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 پىرسەنت ئاشقان
- ۋاڭ لېچۈئەن سابىق قورچاق ئەمەلدارلارنى يوقلىدى
- بۈگۈن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئۇيغۇر ھاجى بولدى
- داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان جوڭگۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىش يىللىق مىقدارىنى يەتتە توننىلىق ئۆتكەلدىن ئاشۇرغان
- د ئۇ ق خىتاينى، " ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالماقتا،" دەپ ئەيىبلىدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
- ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە بىر كۆمۈر كان قۇدۇقىدا پارتلاش يۈز بەردى
- كوسوۋانىڭ مۈستەقىللىق جاكارلاش مەسىلىسى ھەققىدە
- ماخمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى كۇچار ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى ليۇنىڭ نەرىگە پۇتلاشتى؟
- ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟
- ئالماتادا مۇرات ناسىروپنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى