شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2007 - يىللىق ئومۇمىي سىياسى ۋەزىيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ بىر يىلىنىڭمۇ خۇددى ئاۋالقى يىللاردىن پەرقسىز ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررورى سىياسىتىنىڭ ۋەھىمىسى ۋە بۇ رەھىمسىز سىياسەت تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن سىياسى بوران - چاپقۇنلار ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
ئەركىن دۇنيا خەلقلىرى 2007 - يىلىغا قەدەم باسقانلىقىنى كۆركەم ۋە رەڭدار ساليۇتلار بىلەن قۇتلۇقلاۋاتقان كۈنلەردە، پامىر ۋادىسىدىن كەلگەن مىلتىق - زەمبىرەك ئاۋازى، ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ يىل ئىچىدىمۇ يەنە مۇسىبەت ۋە ئازاپ - ئوقۇبەتلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى.
خۇددى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇم بولغىنىدەك، 2007 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خىتاينىڭ تولۇق قوراللانغان ھەربىي قىسىملىرى، " تېررورچىلارنى ئاختۇرۇپ تۇرۇش " دېگەن باھانە بىلەن ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسراپ يېزىسىنى قاتمۇ - قات قورشىۋېلىپ، بۇ يېزا تەۋەسىدىكى مۇزلۇق تاغلاردا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا 18 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇن رەھىمسىزلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 17 نەپىرى قولغا ئېلىنغان، خىتاي تەرەپتىن بولسا بىر ئەسكەر ئۆلگەن، بىرى يارىلانغان ئىدى.
گەرچە كوسراپ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن 2007 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، كوسراپ ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان ئابدۇۋەلى ئىمىن قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ خىتاي سوتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، يىل بېشىدا باشلانغان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇيرۇقىنىڭ تېخى ئۈزۈلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
ئەلۋەتتىكى كوسراپ قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا كېيىنكى يىللاردا يۈز بەرگەن زور سىياسى ۋەقەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان، گەرچە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ۋە نوپۇزلۇق چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي جەريانىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ۋە توقۇنۇشتا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئېلان قىلىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئورۇنلۇق تەلەپلەرنى رەت قىلىپ كەلدى.
ئەمما خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بەزى ئۇچۇرلار، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ كوسراپتا ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارغا قارىتا قوغلاپ تۇتۇش ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي قىرىپ يوقىتىش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.
" شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى" تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا، كوسراپتا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ سانى 50 نەپەردىن ئارتۇق دەپ كۆرسىتىلگەن شۇنداقلا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەس، پەقەتلا بىر قىسمىنىڭ قولىدا ئۆزلىرى ياسىۋالغان يەرلىك قورالنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان ئىدى، ئەمما بۇ 50 نەچچە نەپەر كىشىگە، چىش - تىرنىقىغىچە زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان 1000 دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرى رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلغان.
مەسىلەن، خىتاينىڭ " يەر شارى گېزىتى " نىڭ 2007 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرى چەن گاڭ نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە، ۋەقە يۈز بېرىپ 2 - كۈنى بېيجىڭدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پامىر رايونىغا قاراپ يولغا چىققان ۋە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاقتۇنىڭ كوسراپ يېزىسىغا يېتىپ بارغان.
خىتاي مۇخبىرى، ئاقتۇدىن كوسراپ يېزىسىغا بارغىچە، يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن يول ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىككى تەكشۈرۈش چازىسىدىن ئۆتكەن. يەرلىك ساقچىلارنىڭ مۇخبىرغا بايان قىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش چازىلىرى ۋەقەدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى، 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قۇرۇلغان. مۇخبىر چەن گاڭ زىيارەت خاتىرىسىدە، بۇخىل چازىلارنىڭ ئاتالمىش " تېررورچىلار " نى تۇتۇش ھەرىكىتىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كېلىپ، يەرلىك ساقچىلاردىن ئىگىلىشىچە، تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا كوسراپقا قوشنا بولغان ئارىتاش يېزىسىدا قۇرۇلغان چازىدىكى ساقچى ۋە قوغدىغۇچىلارنىڭ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتىن قېچىپ قۇتۇلغان بىر مۇستەقىللىق جەڭچىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇ مۇستەقىللىق جەڭچىسىنىڭ قەھرىتان سوغۇقتا تاغلىق دالادا 5 كۈن يول يۈرۈپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى، قولغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆرۈك ۋە چىلان قېقى چىققانلىقىنى بايان قىلغان.
مۇخبىر يەنە، بۇنداق تەكشۈرۈش چازىلىرىنىڭ پۈتۈن چوڭ - كىچىك يوللارغا قاتمۇ - قات قۇرۇلغانلىقىنى، مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىنىڭ بۇ توردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن.
مۇخبىر چەن گاڭ، كوسراپ يېزىسىدا ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان كۈنى بۇيەردىكى ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ 1000 دىن ئاشقانلىقىنى، 30 - 40 ماشىنا ئەسكەر كەلگەنلىكىنى، ئەتراپنى پۈتۈنلەي ھەربىي چېدىرلارنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، يەرلىك ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بىر يەرگە توپلۇشۇپ ئولتۇرۇپ موخۇركا چېكىۋاتقانلىقىنى، بالىلارنىڭ بولسا مۇز تۇتقان ئېرىقلاردا ئۆزلىرى ياسىۋالغان چانىلىرىنى ھەيدەپ ئوينىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
دېمەك، خىتاي مۇخبىرى چەن گاڭنىڭ يۇقىرىقى نەق مەيدان زىيارەت خاتىرىسىدىنمۇ، 1000 دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرىنىڭ، سانى تەخمىنەن 50 ئەتراپىدىكى ۋە كۆپىنچىسىنىڭ قولىدا قورالىمۇ بولمىغان مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىنى قاتمۇ - قات قورشىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا زامانىۋىي قوراللار بىلەن رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇيەردە پۈتۈنلەي قىرىپ يوقىتىش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
" جەنوبىي جۇڭگو ئاخبارات تورى " نىڭ مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداننى زىيارەت قىلىپ يازغان ۋە 2007 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەمەتجان ساۋۇتنىڭ، " بىز ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىلا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدۇق، بۇيرۇققا ئاساسەن، قاغىلىق، يېڭىسار، پەيزىۋات، يەكەن، ئاقتۇ قاتارلىق ناھىيىلەردىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسى كوسراپقا يېتىپ كېلىپ، بۇ يېزىنى قاتمۇ - قات قورشىۋالدۇق، بىز قورشاشنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قەشقەردىن قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 3 تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن يېتىپ كەلدى " دېگەن سۆزلىرى يەر ئالغان بولۇپ، بۇمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى بىلەن ئالدىن ھېچقانداق دىئالوگ ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تۈگىتىش پىلانىنى خېلى بۇرۇنلا تۈزۈپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
بەزى غەيرى رەسمىي ستاتىستىكىلاردا، كوسراپ ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بۇيىچە ئومۇميۈزلۈك ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، تەخمىنەن 1500 گە يېقىن ئۇيغۇرنى، " تېررور گۇماندارى" دەپ قولغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى. (پەرھات مۇھەممىدى)
