شەرقىي تۈركىستاندا ئاپتونومىيە مەۋجۇت ئەمەس!

0:00 / 0:00

مۇشۇ ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۈرۈمچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلماقچى، يېقىندا بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان 550 نەپەر ۋەكىلنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 550 نەپەر ۋەكىل ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى تەرىپىدىن "دېموكراتىك ئۇسۇل" دا سايلاپ چىقىلغانمىش، ۋەكىللەرنىڭ مىللىي تەركىۋىگە قارايدىغان بولساق، ئالدىنقى قېتىملىق قۇرۇلتايلارغا قارىغاندا "ئۇيغۇر ۋەكىللەر" نىڭ سانىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئېشىش بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا بۇنى، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى" دەپ بولۇشىغا تەشۋىق قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ "ۋەكىللەر" نىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئىرادىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەپ بېرىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە بەش قولدەك ئايان.

"ئاپتونوم رايون" بولسا ھېچ بىر قانۇنىي ئاساسقا تايانمىغان

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يىل 8 - ئايدا خىتايدا ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى، ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بۇياش ئۈچۈن، خۇددى ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك، ئاپتونومىيە قانۇنىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىجرا قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ، ئولىمپىك يىغىنىنى بالاسىز - قازاسىز ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ كويىدا بولماقتا، ئەمما رىئاللىققا قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا ھېچ بىر زامان ھەقىقىي بىر ئاپتونومىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئىسمى بار، جىسمى يوق بۇ "ئاپتونوم رايون" نىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھېچقانداق بىر سىماسىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى، 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاتالمىش "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دېگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تاڭغاندا، بۇ "ئاپتونوم رايون" بولسا ھېچ بىر قانۇنىي ئاساسقا تايانمىغان، ئۇنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، قانۇنىي ۋە مەمۇرى شەكلى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىدى.

"ئاپتونوم رايون" ئاساسىي قانۇنى يوق دۆلەتتەك قالايمىقان ئىدارە قىلىندى

قىسقىسى، بۇ "ئاپتونوم رايون"، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسى بېكىتىلمىگەن بىر "ئاپتونوم رايون" دىن ئىبارەت ئىدى. 54 - يىلى بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنراقىنى تەشكىل قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ ئاپتونومىيىلىك مەمۇرى رايوننىڭ نامى "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىي جەھەتتىكى ھەق - ھوقۇقلىرى توغرىلىقمۇ ھېچ بىر چۈشەنچە ياكى ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى. چۈنكى ئەينى چاغدا بۇ "ئاپتونوم رايون" نى ئۇيغۇر خەلقىغە زورلاپ تاڭغان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ "ئاپتونومىيە" دېگەن بۇ ئۇقۇمدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى.

شۇڭا، تاكى 80 - يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر بۇ ئاتالمىش "ئاپتونوم رايون"، خۇددى ئاساسىي قانۇنى يوق دۆلەت ۋە نىزامنامىسى يوق تەشكىلاتتەك بىر ۋەزىيەت ئاستىدا قالايمىقان ئىدارە قىلىنىپ كېلىندى، خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ كېلىنگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ سىياسەت ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئىجرا قىلىندى، مەسىلەن، ئاتالمىش "يەر ئىسلاھاتى"، "ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى"، "ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى"، "سولچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى"، "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" دېگەندەك سان - ساناقسىز سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە قانداق ئىجرا قىلىنغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ شۇ پېتى ئىجرا قىلىندى.

مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئابىستىراكىت ۋە مۈجىمەل بىر قانۇن

"شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" قۇرۇلۇپ ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1984 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" تۈزۈپ چىقىلدى ۋە بۇ قانۇن شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خىتاينىڭ 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىپ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى.

ئەپسۇسكى، جەمئىي 67 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ قانۇن پەقەت "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتايدا تەسىس قىلىنغان 155 ئاپتونومىيىلىك ئورۇنغا، يەنى 5 ئاپتونوم رايون، 30 ئاپتونوم ئوبلاست ۋە 120 ئاپتونوم ناھىيىگە قارىتا تۈزۈپ چىقىلغان ئابىستىراكىت ۋە مۈجىمەل بىر قانۇن ئىدى.

شۇنداقتىمۇ يەنە، بۇ قانۇننىڭ ھەر بىر ماددىلىرى، خۇددى ئۇيغۇرلاردەك "ئازسانلىق مىللەت" دەپ ئاتالغان يەرلىك مىللەتلەرگە ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان ئاپتونومىيىلىك جايلارغا قارىتا بېرىلگەن ناھايىتى چىرايلىق كەلىمىلەر بىلەن تولغان ئىدى.

گەرچە بۇ قانۇن چىققىلى 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ قانۇندىكى ماددىلارنىڭ ھېچ بىرى ئىجرا قىلىنغىنى يوق.

مەسىلەن، بۇ قانۇننىڭ 20 - ماددىسىدا، "يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قارار، قارار لايىھىسى، بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ ئىچىدە، ئەگەر مىللىي تېررىتورىيىلىك جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغانلىرىنى ئاپتونوم ئورگانلار يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ قويۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلسا ياكى ئىجرا قىلمىسىمۇ بولىدۇ" دېيىلگەن، ئەمما سىز ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر قانۇنىنى، "بىزگە ماس كەلمەيدىكەن" دەپ ئىجرا قىلمىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان قايسى بىر سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ماس كېلىپ باققان ؟

ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا مەجبۇرىي دىنسىزلىق تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلماقتا

مەسىلەن، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 11 - ماددىسىدا، "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى لازىم. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن، ئەمما سىز شەرقىي تۈركىستاندا بىرەر ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدالغانلىقىغا شاھىت بولۇپ باقتىڭىزمۇ ؟

ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ماددىنىڭ روھىنىڭ دەل ئەكسىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تامامەن يوقىتىش ئۈچۈن بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر خەلقىنى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا قىستاۋاتىدۇ، مەسىلەن، بۇ يىل كىرىشى بىلەنلا "ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى" تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە "ئاتىزملىق تەربىيىسى قوللانمىسى" دېگەن كىتاب نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بۇيىچە ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا مەجبۇرىي دىنسىزلىق تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلماقتا، سىزچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشى يۇقۇرقى ماددىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ماس كېلەمدۇ ؟

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ خىزمەت تاپالماي جەمئىيەتتە قېقىندى - سوقۇندى بولۇپ يۈرمەكتە

يەنە مەسىلەن، يەرلىك مىللەتلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ ھەقتە "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 23 - ماددىسىدا ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن: "ئاپتونوم جايلاردىكى كارخانا ۋە ئىدارە - جەمئىيەتلەر خادىم قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىشى ھەمدە يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىن قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك."

ئەمما، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئادەتتىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ خىزمەت تاپالماي جەمئىيەتتە قېقىندى - سوقۇندى بولۇپ يۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىگە قاراپ بېقىڭ، ئۆز يۇرت - ماكانلىرىدا نورمال ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۈگۈن باشقا يۇرتلاردا، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە سەرسان بولۇپ تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا، سىزچە بۇ ھال، يۇقۇرقى ماددىنىڭ روھىغا تامامەن زىت ئەمەسمۇ ؟

مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق سانائەت ئورگانلىرى يەرلىكلەرنى تالان - تاراج قىلىپ كەلمەكتە

مەسىلەن، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 62 - ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: "دۆلەت، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلاردا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئالدى بىلەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشى، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم."

ئەمما سىز رىئاللىققا قاراپ بېقىڭ، بۈگۈنكى كۈندە مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق سانائەت ئورگانلىرى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يەرلىكلەرنى ئىقتىسادى جەھەتتىن تالان - تاراج ۋە قاقتى - سوقتى قىلىپ كەلمەكتە. ئەڭ ئاددىسى، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ پايدىسىنىڭ 5 پىرسەنتىمۇ يەرلىكلەرگە بېرىلمىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى

مائارىپ مەسىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ 37 - ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلاردىكى ئاپتونوم ئورگانلار ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا مىللىي مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەردە، شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىدا دەرسلىك ھازىرلاپ چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدا دەرس بېرىدۇ ."

قېنى ئېيتىپ بېقىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىددىي ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۇقۇرقى ماددىنىڭ روھىغا ماس كېلەمدۇ ؟

دېمەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ رىيال ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ھېچ بىر زامان "ئاپتونومىيە" دېگەن نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. (پەرھات مۇھەممىدى)