سىياسەت ۋە سىياسىيونلار توغرىسىدا

0:00 / 0:00

مۇستەبىت دۆلەتلەردە، سىياسەت قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كىشىلەرنى بىرلا تەرەپكە يېتەكلەيدىغان قاتمال ھادىسىدۇر. بولۇپمۇ سىياسەت، ئۇيغۇر ئېلىدا، دائىرىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئەركىن تەپەككۇرنى بوغۇدىغان قورالى بولۇپ كەلدى.

ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدا پۇقرالارنىڭ سىياسەتكە بولغان چۈشەنچىسىدە خاتالىقلار مەۋجۈت. سىدىقھاجى روزى، پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلغان يەردە، ساختىپەزلىك، گراژدانلارنىڭ تاشقىي دۇنياغا مۇئامىلە قىلىش تەبىئىتىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلى بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.