"بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە پۈتۈن ئەتراپ دۈشمەنلەر بىلەن تولغان"

0:00 / 0:00

كومپارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى ۋە كېلەر يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى ئامان - ئىسەن ئۆتكۈزۈۋېلىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان سەزگۈر مەسىلىلەر ئىدى. دائىرىلەر بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى ئامان - ئىسەن ئۆتكۈزۈۋالدى. ئەمدىكى مەسىلە كېلەر يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىشتۇر.

ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 17 - قۇرۇلتاي جەريانىدا ئالغان تەدبىرلىرىنى ياكى كېلەر يىلقى ئولىمپىك يىغىنىدا ئالماقچى بولغان تەدبىرلىرىنى "غالجىرلىق،" دەپ قارايدۇ. سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە پۈتۈن ئەتراپ دۈشمەنلەر بىلەن تولغان".

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.