
تۈركىيىنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىدە 12 - ئاينىڭ 1- كۈنى ئاخشام 9 دا بېرىلگەن "چىقىش يولى" ناملىق پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. بۇ ئەيىبلەشكە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن ئەپەندى نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئەيىبلەشكە رەددىيە بىلدۈرگەن. جۇرنالىست رافەت باللى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، تۈركىيە ئىشچىلار پارتىيىسى باشلىقى دوگۇ پېرىنچەك ئەپەندى بىر ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى تېررورلۇق پائالىيەت ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ رەددىيە بېرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇنىمىز.