خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كوللىكتىپ قايغۇسى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ پۇل پاخاللىقى 11 - ئايدا 6.9 پىرسەنتكە يېتىپ، 1996 - يىلدىن بېرىقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى. بۇ ۋەزىيەت خىتاي مەركىزى بانكىسىدىكىلەردە ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە پۇل -مۇئامىلە بازىرىنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىش ئەندىشىسىنى ياراتماقتا.

ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پۇل پاخاللىقى خىتاينىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 - يىلى ئاغدۇرۇلۇش ھارپىسىدا ھازىرقىغا ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ مۇلاھىزىسىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سۇنىمىز.