0:00 / 0:00
بۇ يىل خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى. مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ كۈچىيىشىدە نۇرغۇن ئامىللار رول ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مال باھاسىدىكى ئۆرلەشنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى خىتاي ھاكىمىيەت تەبىقىسىلا ئەمەس، خىتايغا مەبلەغ سالغان خەلقئارا ئىقتىسادى شېرىكلەرمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلىدۇر.
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەتنى " ئۇيغۇر يەيدىغان زاغرا نان بىلەن خىتايلار يەيدىغان موما مەسىلىسىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى" دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنى ئاڭلايسىز.