تىمتاس ئەمەس بۇ ماكان

0:00 / 0:00

2007 - يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ۋەقە نېمە دېگەن سۇئالغا ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكى كىشىلەر ئوخشىمىغان جاۋابلارنى بېرىشى مۇمكىن. شۈبھىسىزكى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە 2007 - يىلى جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ۋەقە خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم ئەۋەتكەنلىكىدۇر.

لېكىن ئامېرىكىدا ياشايدىغان، ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2007 - يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ۋەقە 17 - قۇرۇلتاي ئەمەس ۋە خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم ئەۋەتكەنلىكىمۇ ئەمەس. بەلكى، خىتاي دىھقانلىرىنىڭ يەر ‏- مۈلك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش توغرىسىدا خىتاپنامە ئېلان قىلشى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.