0:00 / 0:00
خىتاي تور بەتلىرى بوتتۇ خانىمنىڭ " ماڭا بىنلادىننىڭ ئوغلى قەست قىلماقچى " دېگەنلىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، غەرب دۇنياسى تىغ ئۇچىنى مۇسۇلمانلارغا قارىتىۋاتىدۇ ، نېمىشقا ئامېرىكىنى ماختايسىلەر ؟ دېگەندەك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا.
دۇنيا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن ئېغىر مەسىلىلەردە غەرب دۇنياسى جۇملىدىن ئامېرىكا قانداق پوزىتسىيە تۇتتى؟ رۇسىيە ۋە خىتايچۇ؟ ئۇيغۇرلارنى كىم باستۇرۇۋاتىدۇ ، كىم ھىمايە قىلىۋاتىدۇ؟ ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
