ئەلۋىدا، تام لانتوس ئەپەندى!
2008.02.12
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام لانتوس، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەم بۇنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىققىتىگە سۇنغان كىشىلەردىن ئىدى. ئۇ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شتاتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى.
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، تام لانتوس بىلەن ئەڭ بۇرۇن تونۇشقان ئۇيغۇر زاتلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ، تام لانتوسنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى "ئۇيغۇرلارنى تونۇغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھالۇ - دەردىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۆلەت مەجلىسىگە ئېلىپ كىرىشتە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان زات " دەپ تەرىپلەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
©
2008 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاننىڭ كەڭبۇلۇڭ يېزىسىدا ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى ۋاپات بولدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 3- تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىماقچى
- خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن
- خىتاي ئىدىقۇت شەھىرى خارابىسىنى رېمونت قىلىشقا 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ
- بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە گۇما ناھىيىسىدە بىر ئايال بىلەن بىر بالا سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلگەن
- خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە youtube ئىنتېرنېت پونكىتىگە كىرگۈچىلەرنى سۈرۈشتۈرگەن
- ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە قاناللىرى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟
- شىخودا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەندى
- خوتەندە تۇنجى قار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ھېلىھەم داۋاملاشماقتا
- 5 - فىۋرال ھەرىكىتى ۋە ئاياللار









