خەير خوش، ئاۋسترالىيىدىكى ۋەتەنداشلىرىم

0:00 / 0:00

يېقىندا رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆمىكى ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەسلىك توغرىسىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى توسىيالمىدى.

رابىيە قادىر خانىم ، ئاۋسترالىيە سەپىرىدە سېدنىي، كامبېرا ۋە ئادېلايد شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كەڭ ئۇچرىشىشلاردا بولغان ۋە ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن دەرتلەشكەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە سەپىرىگە ھەمسەپەر بولغان ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئاۋسترالىيە سەپىرى ھەققىدىكى ئوبزورىغا قۇلاق سالغايسىز.