" چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى تامامەن يوللۇق "


2008.03.11

خىتاي دائىرىلىرى 3 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى ئۈرۈمچى - بېيجىڭ ئارىسىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا بىر پارتلىتىش ۋەقەسىنى توساپ قالغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خىتاي ۋە چەتئەللەردە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسى بىلەن سېلىشتۇرغانلىقى ۋە ۋەقەنى ئەلقائىدە ھەم تالىبانلارغا باغلىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، چەتئەللەردىكى تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى تامامەن يوللۇقتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.