0:00 / 0:00

1987 - يىلى تىبەت پايتەختى لخاسادا تىبەت خەلقى ئىسيان كۆتۈرگەندە خىتاينىڭ ھازىرقى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تىبەت ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدا لخاسادىكى قوزغىلاڭنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرغان. لېكىن ئارىدىن 20 يىلدىن ئۆتتى، لخاسا خەلقى يەنە ئىسيان كۆتەردى.
ئىستانسىمىز ئوبزورچىسى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى "بىر مىللەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنى قىرغىن قىلىش بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ " دەپ كۆرسەتمەكتە.
سىدىقھاجى روزى ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن قانداق تەجرىبە، ساۋاقلارنى ئېلىشى كېرەك ؟ دەپ سورىدى ۋە "رەڭلىك ئولتۇرۇشقا كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارقاڭغا قارا"! دەپ خىتاپ قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.