0:00 / 0:00
يېقىندا بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ، بېيجىڭدا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر پائالىيەت تىبەت ۋەقەسى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا جىددىي غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەچكە ئانالىزچىلارنىڭ دىققىىتىنى قوزغايدىغان بىر پائالىيەت بولۇپ قالدى.
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى، خىتايلارنىڭ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، "تىبەتلەر نامايىش قىلىپ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلدى، ئۇيغۇرلار نورۇز تەشكىللەپ ساماغا ئۇسۇل ئويناپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ قالماقچى بولدى، دېمەكچىمۇ ؟ " دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
