خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا خىتاي كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمىيەت تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىق، قۇل ئەمگەكچىلەر مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە تەنقىدگە ئۇچرىماقتا.

80-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئولىمپىك يىغىنى ئاچقاندا ئەنە شۇنداق تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئاخىرى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بايقۇت ئېلان قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئۇنداقتا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىچۇ؟ بۇ ھەقتە، ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.