بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدىكى خىتاي ۋەزىيىتى

0:00 / 0:00

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە.

بىر قانچە جايلاردا پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرىپ، باستۇرۇشقا ئۇچرىدى. گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىكى بۇ ئەھۋاللارنى يوشۇرسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي-سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى يوشۇرالماي قالدى.

ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوبزورىدا بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.