ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىدىكى سەمىمىيىتىدە گۇمان بار

0:00 / 0:00

خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قولىدىن ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى، خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىكى سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، 57 يىلدا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەرتىپىنى قانچە قېتىم يەرلىك ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكىنى، يەنە قانچە قېتىم ئالى سوتنىڭ تەستىقلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، دېدى.