0:00 / 0:00
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش توغرىسىدىكى ئۈچ تۈرلۈك پىكرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۆپ نارازىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا.
ئۇلار ۋاڭ لېچۈەننىڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى قاراشلىرى، ئۇيغۇر تىلىنى خىتايلاشتۇرۇپ يوق قىلىش غەرىزىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەپ باھا بەرمەكتە.
بۇ پروگراممىمىزدا، ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ قوش تىل مائارىپى ھەققىدىكى سىياسىتىگە بولغان قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.