نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مۇھەممەت يۇنۇس بىلەن رابىيە قادىر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر ( 1 )


2006.12.20

2006 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى يەكشەنبە كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەشەمەتلىك بىر مۇراسىم بىلەن، بېنگاللىق مۇھەممەت يۇنۇسقا تەقدىم قىلىندى.

ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، پۈتۈن بەنگال خەلقى خوشاللىقتىن تەنتەنىگە چۆمگەن شۇ دەقىقىلەردە، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىزاھلاش قىيىن بولغان بىر خىل غەشلىك ۋە مەيۈسلۈك تۇيغۇلىرى چىرماپ ئالغان ئىدى. ئەلۋەتتىكى مەنمۇ بۇ خىل تۇيغۇدىن خالى بولالمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ 2006 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ نامزات بولۇشنى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە مۆلچەرلەپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە شادلىق ۋە ھاياجان پەيدا قىلغان، بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تالاش – تارتىش قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر كەلمىگەن بولسا، بەلكىم يەكشەنبە كۈنكى بۇ مۇراسىمدا مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندىنىڭ ئورنىدا رابىيە قادىر خانىم بولغان بولاتتى، مۇستەقىل، ھۆر ياشاۋاتقان بېنگال خەلقىنىڭ شادلىقىنىڭ ئورنىنى، بارلىق ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا خورلىنىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەنتەنىسى ئالغان بولاتتى.

ھېچ شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يوقسۇل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ غېرىبانە ۋە ئاجىز ئانا – بالىلارىڭ بەختى ئۈچۈن ئاتىغان مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە بۇ جەھەتتىكى پىداكارلىقى، ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئاساسلىق ئامىلدىن ئىبارەت.

مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى

ئەمما مەن مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىكى نۇتىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندىنىڭ غايە، مەقسەت ۋە ئىش – ئىزلىرى ئوتتۇرىسىدا قىسمەن ئوخشاشلىقلار بىلەن بىرگە يەنە، كۆپلىگەن پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ ياشاش مۇھىتى، ئىنسانلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل ۋە پىداكارلىقلار جەھەتتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ روشەن بىر ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەس قىلدىم. خۇددى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا كۆڭلۈمدە، "رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىم نوبېل مۇكاپاتىنى ئالالماسلىقىدا خىتاينىڭ بېسىمى ئاساسلىق رول ئوينىغانمىدۇ ؟" دېگەن گۇمانى قاراش تېخىمۇ كۈچەيدى.

مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى ياشاۋاتقان بەنگال، مۇستەقىل، ھۈر بىر دۆۋلەتتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېنگال ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە بىرقەدەر دېموكراتىك دەپ قارالغان ئەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى نامراتلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ دۆۋلەتتە مۇستەبىت، دىكتاتور رېجىم ياكى دۆلەت تېررورى مەۋجۇت ئەمەس.

ئەسلىدە بېنگالدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسات فاكۇلتېتى مۇدىرى بولغان مۇھەممەت ئەپەندى، 1974 – يىلى مەملىكىتىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان چوڭ ئاچارچىلىق مەزگىلىدە، بېنگالنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا يوقسۇللۇقتىن جان تالىشىۋاتقان نامراتلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ۋەزىپىسى قىلىپ تاللىغان. دەسلەپتە ئۇ ئىشنى بىر يېزىدىكى 42 نەپەر نامراتقا 27 دوللار ئۆسۈمسىز قەرىز پۇل بېرىپ تۇرۇش بىلەن باشلىغان ۋە غەرىبانلارغا ئۇششاق ئوقەت قىلىش ئۈچۈن دەسمايە بېرىپ تۇرۇش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ، بۇ سېستىمىسى پەيدىن – پەي كېڭەيتىپ بارغان، شۇنداقلا بۇ سېستىما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان Grameen بانكىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1997 – يىلىغا كەلگەندە دۇنيا تۈسىنى ئالغان Grameen فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغان. نۆۋەتتە 22 دۆلەتتە 52 شۆبىسى بولغان بۇ فوندى جەمئىيىتى، دۇنيادىكى 11 مىليونغا يېقىن يوقسۇلغا خىزمەت بەرمەكتە. ئەلۋەتتىكى، مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندىنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئىنتايىن جاپالىق، مۈشكۈل بىر يولنىڭ، شۇنداقلا يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە پىداكارلىقنىڭ مەھسۇلى.

رابىيە قادىر خانىم

ئەمدى بىز، 2006 – يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىدىن بىرى بولغان رابىيە خانىمغا كېلەيلى، رابىيە قادىر خانىم ياشىغان مۇھىت، پەقەت كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەدىن باشقا ھەرقانداق بىر دۇنيا قاراشنى تۈپتىن رەت قىلىدىغان ۋە چەكلەيدىغان مۇستەبىت، دىكتاتور بىر رېجىم ئاستىدىكى مۇھىت ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ ياشىغان شەرقىي تۈركىستان، ئەنە شۇ مۇستەبىت رېجىم تەرىپىدىن ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان، پۇقرالىرى بولسا سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، دىنىي، مەدەنىي – مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان، شۇنداقلا 2 – دەرىجىلىك گراژدانلىق مۇئامىلىسىدە دۇچار بولۇۋاتقان مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر تۇپراق ئىدى.

ئەنە شۇ مۇھىتتا دۇنياغا كەلگەن ۋە ياشىغان رابىيە خانىم، بىر زامانلار خۇددى مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى دەسمايە بېرىپ تۇرغان نامرات ئاياللاردىنمۇ بەتتەر بىر مۇھىتتا ياشىغان ئىدى. ئۇ، بېنگاللىق نامرات ئاياللاردەك تەلەيلىك ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا ئۆسۈمسىز دەسمايە بېرىپ تۇرىدىغان مۇھەممەت يۇنۇسلار يوق ئىدى، ئىككى بېقىنىدا نارسىدە بالىسى، كوچا – كويلاردا ئۇرۇلۇپ – سوقۇلۇپ يۈرۈپ ساتىدىغان نەچچە كىلو گازىرىدىن باشقا ماددى بايلىقى بولمىغان بۇ بىچارە تۇل ئايالنىڭ بىردىن – بىر تايىنىدى، جانابى ئاللاھقا نالە قىلىپ ئۇنىڭدىن مەنىۋىي كۈچ ئېلىش ۋە شۇ مەنىۋىي كۈچكە تايىنىپ تۇرۇپ ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىدى.

مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى، پەقەتلا يوقسۇللارغا ھاياتلىق يولى يارىتىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلغان بولسا، رابىيە خانىم، ھەم يوقسۇللۇق دەردىدە جان تالىشىۋاتقان خەلقىغە خالىس ياردەم بېرىشنى، ھەم ئىقتىسادى تالان – تاراج ئارقىلىق خەلقىنى "ئالتۇن تاۋاقلىق تىلەمچى" گە ئايلاندۇرۇپ قويغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان بايرىقى كۆتۈرۈپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ غايە ۋە مەقسىتى قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1968 – يىلى، "ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئەكسىلئىنقىلاپچى ئۇنسۇر" دېگەن تۆھمەت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان مىللىي شائىر سىدىق ھاجى روزىنى، ھېچ بىر خىيىم – خەتەرگە قارىماي تۈرمىگە يوقلاپ بارغانلىقى ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا ئوچۇق – ئاشكارە ھالدا مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ، "ۋەتىنىم، خەلقىم" دەپ زىنداندا يېتىۋاتقان بۇ "مەھبۇس" نىڭ پارچىلانغان يۈرىكىگە تەسەللى سۈيىنى چاچقانلىقى، بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھايات پەلسەپەسىنىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.