نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مۇھەممەت يۇنۇس بىلەن رابىيە قادىر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر (2)


2006.12.21

خۇددى ماقالەمنىڭ باش قىسمىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى، ئەينى چاغدا بەنگالدا خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشلىغىنىدا، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ھەتتا بىر فاكۇلتېتنىڭ مۇدىرى ئىدى.

بەنگالنىڭ شارائىتى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى بىر ئىنسان ئىدى، قولىنى نەگە سۇنسا يېتىدىغان، ھەتتا نەچچە يۈزلىگەن يوقسۇلغا قەرىز بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بىر زەردار ئىدى. ئەمما رابىيە خانىم بولسا 1968 – يىلى تۇنجى بولۇپ بىر ھاكىمىيەت ۋە بىر رېجىمغا قارشى ئىسيان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققاندا، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى، ئەڭ يوقسۇل، ئەڭ غېرىبانە بىر ئايال ئىدى.

نامراتلىقتىن بېيىغان ئانا

1982 – يىلى رابىيە خانىم رەسمىي تىجارەتنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭ بارى – يوق دەسمايىسى ئاران 3000 يۈئەن ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ 300 نەچچە دوللار ئەتراپىدىكى بۇ دەسمايىسى، مۇھەممەت يۇنۇستەك تەقۋادار كىشىلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن دەسمايە ئەمەس، بەلكى 10 نەچچە يىل مابەينىدە ئاقسۇنىڭ پاتقاقلىق كوچىلىرىدا خوڭۋېيبىڭلاردىن مۇش – تېپىك يېيىش بەدىلىگە ئۇششاق ئوقەت قىلىپ مىڭ بىر جاپادا ئەجىر قىلىپ تاپقان دەسمايە ئىدى.

80 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ كۈچىگە، ئىرادىسىگە ۋە ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىغان رابىيە خانىم، جەمئىيەتتىكى يېتىم – يىسىرلارغا، ئايىغى ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان ئاپەت رايونلىرىدىكى ئاچ – يالىڭاچ خەلقىغە خالىس ياردەم بېرىش بىلەن داڭ چىقارغان ۋە ئۆز خەلقى ئىچىدە "تەقۋادار ئانا" دېگەن نام بىلەن بەلگىلىك ئىجتىمائىي نوپۇسقا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئەمما رابىيە خانىمنىڭ ياردىمى بەنگاللىق مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندىدەك نامراتلارغا ئۆسۈمسىز قەرىز پۇل بېرىپ تۇرۇش ئەمەس، بەلكى نامراتلارغا مەڭگۈلۈك سوغا قىلىنغان بەدەلسىز، شەرتسىز خالىس ياردەم ئىدى.

ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە تەسىرى ۋە ئىناۋىتى بار ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالغان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، 80 – يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە رابىيە قادىر خانىمنى "ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى" نىڭ ئەزالىقىغا ۋە "ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى" نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، 1993 – يىلىغا كەلگەندە "خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى" نىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى. 1995 – يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا چاقىرىلغان "دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيى" نىڭ ۋەكىلى قىلىپ سايلاپ چىقتى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنىڭدىكى تۈپ مەقسىتى، رابىيە خانىمنىڭ جەمئىيەتتىكى ۋە ئۇيغۇر سودا – سانائەتچىلەر ساھەسى ئىچىدىكى ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى كومپارتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كۆز – قۇلىقى ۋە كانىيىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى، ئەمما، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز خەلقىغە كەلتۈرىۋاتقان كۈلپەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ياشلىق چاغلىرىدىلا تونۇپ يەتكەن رابىيە خانىم، ھېچ بىر زامان بۇ ھاكىمىيەتنىڭ كەتمىنىنى چاپمىدى، ئەكسىچە ئۆز خەلقىنىڭ بۇ ھاكىمىيەت ئىچىدىكى كۆز - قۇلىقى ۋە كانىيى بولدى.

رابىيە خانىم ئىقتىسادى جەھەتتە ئەڭ روناق تاپقان 90 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 50 مىليون دوللارغا يېتىپ بارغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن "مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ باينىڭ ئىچىدە 7 – ئورۇندا تۇرىدۇ" دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. دىمەك ئۇنىڭدا پۇل، شەرەپ ۋە مەرتىۋە تولۇق ئىدى، ئەمما ئۇ، ئادالەت، ھەققانىيەت، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە ھەر زامان ھازىر ئىدى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى، ئەينى چاغدا يوقسۇل ئاياللارغا ياردەم بېرىشنى باشلىغاندا ۋە كېيىن Grameen بانكىسىنى ھەم Grameen فوندا جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققاندا، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى بەنگال ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ياكى رېجىم تەرىپىدىن ھېچ بىر بېسىم ۋە تەھدىتكە ئۇچرىمىغان، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن يوقسۇللارنىڭمۇ ھاكىمىيەت ۋە رېجىم بىلەن ھېچ بىر دۈشمەنلىكى يوق ئىدى، پەقەتلا دۆلەت كەمبەغەل، خەلقىمۇ نامرات ئىدى.

ئۆز خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقىنى بايلىقتىن ئەۋزەل بىلگەن

ئەمما رابىيە خانىم ئۈرۈمچىدە "مىڭ ئانا شىركىتى" نى قۇرۇپ، يوقسۇل ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشكە ئۈندەش ھەرىكىتىنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتمۇ – قات توسقۇنچىلقىغا ۋە بېسىمىغا ئۇچرىغان، "مىڭ ئانا شىركىتى" ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئاياللارمۇ ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان، خورلانغان، سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە بېسىم ۋە تالان – تاراجغا ئۇچرىغانلار ئىدى.

مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى پەقەتلا يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى ۋە ئۇلارغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلغان بولسا، 11 پەرزەنتى بار رابىيە خانىم خەلقى ئىچىدىكى يوقسۇللارغا، يېتىم – يېسىرلارغا، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بىگۇناھ ھالدا جازالانغان مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، يەنە ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان غېرىبانە يازغۇچى، ئەدىپ، تارىخچى، شائىرلارغا، "5 – فېۋرال" غۇلجا ۋەقەسىگە ئوخشىغان خەلق ئىسيانلىرىدا ئەسكەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىم ۋە تۇل قالغان بالا – چاقىلىرىغا ياردەم بېرىشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى دەپ قارىغان. بۇ جەرياندا ھاكىمىيەتنىڭ تەھدىت، بېسىم لىرىغا ھېچ بىر زامان ئىز پۈكمىگەن، پۇل – مېلىدىن، ھوقۇق – مەرتىۋىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىگەن، ھەتتا ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولۇشتىن قورۇقمىغان ئىدى. يەنە كېلىپ رابىيە خانىم، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە سېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانىي ۋەزىپىسى دەپ قارىغان، 1996 – يىلى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكا پارلامېنتىنى مەخپى زىيارەت قىلىپ، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى كۆز ياشلىرى ئىچىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.

رابىيە خانىمنىڭ 1999 – يىلى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان" دېگەن بەتنام بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا تۆلىگەن زۆر بەدەللىرىنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلغاندىن بۇيان، ياۋروپانىڭ ئاساسلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندىنىڭ ئىنسانىي ئىش – ئىزلىرى ۋە يوقسۇل ئىنسانلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ھەققىدە ئۈزمەي پروگراممىلار بېرىپ كەلمەكتە. ئەمما، مۇھەممەت يۇنۇس ئەپەندى ھېچ بىر ۋاقىت مال – دۇنياسىدىن، سىياسى ئورنىدىن، بالا – چاقىلىرىدىن، يۇرتىدىن، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋىپىگە ياكى زىندانغا تاشلىنىش خەتىرىگە دۇچ كەلمىگەن، نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىمۇ ئۇ بەنگالنىڭ ئەڭ باي، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىنسانلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ مۇكاپاتنىڭ نامزاتى رابىيە خانىمچۇ ؟ رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ يوقسۇل خەلقىغە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا پۇل – مېلىدىن، ھوقۇق – مەنسىۋىدىن، پەرزەنتلىرىدىن، يۇرتىدىن، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغان، يەنە بۇ شەرەپلىك يولدا 6 يىل زىنداندا ياتقان، چەتئەلدىكى مۇساپىرلىق ھاياتىدىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1 – دەرىجىلىك زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان ۋە پەرزەنتلىرى زىندانغا تاشلانغان پىداكار بىر ئايال ئىدى. بۇ قېتىم گېرمانىيىدە چاقىرىلغان "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" نىڭ 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا، رابىيە خانىمنىڭ قۇرۇلتاي نامىدىن ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان 100 مىڭ ئەئۇرولۇق "ئۇيغۇر مۇكاپاتى" نىڭ ھەممىسىنى شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقوقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە سەرىپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلتاي فوندى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىۋەتكەنلىكى، رابىيە خانىمنىڭ يۇقىرىقىدەك پىداكارلىقلىرىنىڭ داۋامى ۋە جىلۋىسى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.