0:00 / 0:00
تۈركمەنىستانغا ئۇزۇن يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۈركمەنباشى سەپەر مۇرات نىيازوپ ئۆلدى. نىيازوپ ئۆلۈشتىن بۇرۇن خىتاي بىلەن تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى تۈركمەنىستاننى مۇستەبىت سىياسىتى بىلەن تۇتۇپ كەلگەن نىيازوپنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختالدى.