سىدىق ھاجى روزى، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوبزور ئېلان قىلدى


2005.03.17
rabiye-sidiq-haji-200.gif
سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئايالى رابىيە قادىر بىلەن بىللە. 1997-يىل

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاھسىنگتونغا قاراپ يولغا چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، خەلقىگە شۇنداقلا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رابىيە قادىر ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ھەمرالىقىدا پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئالتىلەردە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانىغا چۈشۈپ، بېيجىڭدىن يولغا چىققان. ئۇ،ۋاشىنگتون ۋاقتى كەچ سائەت 8 لەردە ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا رىگان ئايرۇدرومىغا يىتىپ كىلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئانىسى دەپ نام ئالغان رابىيە قادىر خانىم 1999 - يىلى 8 - ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ماڭغىنىدا قولغا ئېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىپلەپ، 2000 - يىلى 3 - ئايدا سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇنىڭ قاماق جازاسىنى بىر يىل يىنىكلەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.