0:00 / 0:00
رادىئومىز ئوبزورچىسى روزى بۈگۈنكى ئوبزورىدا ئەنگلىيىلىك يازغۇچى ۋىللخولتون خىتاي ھەققىدىكى "شۇملۇقنى بىشارىتى،" دېگەن ئەسەر ھەققىدە توختالدى. ۋىللخولتون ئەسىرىدە خىتاينىڭ كاپىتالىزم ئىگىلىكىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ پارچىلىنىش ياكى تېخىمۇ ئەشەددى بىر دۆلەتكە ئايلىنىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختالغان.
سىدىقھاجى روزى، "خىتاي پارچىلانسا ۋە 1910 -1920 - يىللاردىكى مىلىتارىستلار دەۋرىگە قايتسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى 1930 ۋە 1940 - يىللاردىكى شىڭ سىسەي دەۋرىگە قايتمايدۇ، دېگىلى بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ، " تارىخ تەكرارلانمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ،" دەيدۇ.