خىتاي دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرگە تەھدىت
2005.09.20
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ يىغىنىدىن كېيىن، كانادادىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەرگە جوڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ب د ت دىكى نۇتقىدا "ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايوندا، خەلق ئۈمىدسىزلەنگەن، غەزەپ نەپرىتى تولۇپ تاشقان ياكى زوراۋانلىققا، تاجاۋۇزغا قارشىلىق قۇربى يەتمىگەن بولسا، بۇ جايدىكى خەلق ئۇچرىغان تەھدىت چوقۇم دۆلەت چېگرىسىدىن ھەتتا ئوكيانلاردىن ھالقىپ ئۆت، بۇ جايدىكى خەلق ئۇچرىغان تەھدىت چوقۇم دۆلەت چېگرىسىدىن ھەتتا ئوكيانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، باشقا دۆلەتلەردىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرگە تەھدىت بولۇپ شەكىللىنىدۇ" دېگەنىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.